Uyghur Agéntliqi

Uyghur Agéntliqi مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى!

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىنەبىجان تۇرسۇنئەخمەتجان قاسىمىنىڭ « كۈندىلىك خاتىرىلىرى» نىڭ بىردىنبىر نۇسخىسىنىڭ...
02/04/2025

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى

نەبىجان تۇرسۇن

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ « كۈندىلىك خاتىرىلىرى» نىڭ بىردىنبىر نۇسخىسىنىڭ پارچىلىرى ماھىنۇر قاسىمنىڭ «ئەخمەت ئەپەندىنى ئەسلەيمەن» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلدى. ئەلۋەتتە، بۇ كىتاب ئالدى بىلەن خىتايچە تەييارلىنىپ ئارقىدىن يەنە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. بۇ، كىتاب خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق سېنزورا قىلىنىپ، ئاخىرى چىقىرىلدى. يەنى « ئەخمەتجان قاسىمى كوممۇنىزم جەڭچىسى»، « يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يولىدا قۇربان بولدى»، «مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي فېۋداللارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى»، « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى يېڭى جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن سىياسىي تامغىغا زىيان يەتمەسلىك پرىنسىپى بويىچە تەييارلىنىپ چىقىرىلدى. ئەلۋەتتە، كىتابتىكى ھەممە ئۇچۇرلار شۇنداق رامكا ئاستىدا بولسىمۇ ئەمما بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى چۈشەنچىمىز ۋە نۇقتىئىنەزەرىمىز بويىچە پايدىلىنىمىز، ئەخمەتجان قاسىمى كۈندىلىك خاتىرىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قولىدا، ئەلۋەتتە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى، خەت-چەكلىرىنى 1949-يىلى 8-ئايدىلا سوۋېت ك گ ب ئورگانلىرى غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسى ئارقىلىق يىغىۋالغان، قالغان كىتابلىرى ۋە كۈندىلىك خاتىرىلىرى ھەم باشقىلار 1950-يىلىغىچە خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمىتى ( ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا ئەخمەتجاننىڭ سەپداشلىرى بولغان ئۇيغۇر، تاتار، ئۆزبېك كىشىلەرمۇ بار) تەرىپىدىن يىغىپ ئېلىنغان. بۇلار ھازىر مەلۇم جايلاردا ساقلىنىقلىق تۇرىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ، ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ۋە ئىسھاقبېكلەرنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى. خەت-چەكلىرى ۋە باشقا نازۇك ماتېرىياللىرى ئۇلار غۇلجىدىن كېتىپ 10 كۈنگە قالمايلا سوۋېت كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان. ئىسھاقبېكنىڭ ئىشخانىسى ئادەتتە ئىككى جايدا ئىدى. بىرى ش ت ج مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدىكى رەسمىي ئىشخانىسى. يەنە بىرى ئۆزىنىڭ قورا جايىدىكى ئىشخانىسى. ئۇ مۇتلەق كۆپ ۋاقىتلاردا ئەنە شۇ ئۆيىدىكى ئىشخانىسىدا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قورۇسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا بىر ئوتدېلېنىيە ئەسكەر ( 10 -12 ئەسكەر) قوغدايتتى. ئاديۇتانتى قىرغىز مىللىتىدىن بولغان ئەخمەت، كاتىپى مايور دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئىدى. ئۇنىڭ قورۇسىدا سوۋېت رۇس گېنېرالى دائىم تۇراتتى. ئۇ 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئەتراپىدا، يەنى ئەخمەتجان ۋە ئىسھاقبېكلەر غۇلجىدىن غايىب بولۇش ئالدىدىلا موسكۋاغا كەتتى ( بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئۈچۈن كەمىنەنىڭ « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» 11-تومى: « ستالىن ۋە ماۋ ھەمكارلىقى: ئەخمەتجاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى چوڭ ئىشغالىيەت» نى ئوقۇڭ) بۇ، تراگېدىيەنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئەخمەتجاننىڭ ئىشخانىسى« ئىتتىپاق» مەركىزىي كومىتېتى بىناسىدا ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ يەنە ئۆيىدىمۇ ئىشخانىسى بار بولۇپ، نۇرغۇن ھۆججەتنى ئۆيىدە بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەخمەتجاننى ئاران 2-3 ئەسكەر قوغدايتتى. ئۇ، ھەتتا قوغىدىغۇچىسىزمۇ يۈرۈۋېرەتتى. ئەمما ئۇ چاغدا غۇلجىدا خىتاي جاسۇسلىرىمۇ بار بولۇپ، ھەتتا 1948-يىلى غۇلجا شەھىرىدە خىتاينىڭ بىر جاسۇسلۇق ئورگىنى، رادىيو ئاپپاراتلىرى بىلەن قولغا چۈشكەنىدى. ئەخمەت ئەپەندى ئۆزى يالغۇز كوچىلاردا، ئادەملەر ئارىسىدا يۈرۈۋېرەتتى. ئۇ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن قورقىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. قىسقىسى، ئۆلۈمدىن قورقىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. ئەخمەتجان كۈندىلىك خاتىرىلىرىدىن ئۇنىڭ بەزىبىرى كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمۇ مەلۇملۇقتۇر. دېمەك، ئۇلارنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى ئۇلار كېتىپ 10 كۈنگە قالماي يىغىپ كېتىلدى. يەنى، ئەڭ نازۇك ماتېرىياللار، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى، ھەتتا خىتاي ۋەكىلى دېڭ لىچۈن بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرسىگىچە يىغىپ كېتىلدى. دېمەككى، ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى ئالدىن بېكىتىلگەندەكلا ئىدى. « ئەخمەتجان كۈندىلىك خاتىرىلىرى» نىڭ پارچىلىرى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ ماھىنۇر قاسىمىنىڭ كىتاب يېزىشى ئۈچۈن بېرىلدى. بۇلار «خاتىرە» نىڭ ھەممىسى ۋە ئورىگىنال نۇسخىسى ئەمەس ئەلۋەتتە. بىراق بۇنىڭ خېلى ئەمەلىي يەرلىرى بار. بۇنىڭدىكى بايانلار ھەقىقەتەن راست ۋە ھەقىقىي. ئەلۋەتتە بۇلار خىتاي ئۈچۈن نازۇك ئەمەس قۇرلاردۇر. ئەمما ئەخمەتجاننىڭ 1949-يىلى 8-ئايدىن تاكى 1949-يىلى 22- ئاۋغۇستقىچە بولغان كۈندىلىك خاتىرىسى مەلۇم ئەمەس. 1945-1947-يىلى ئارىسىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى يوق. يەنى خىتاي ۋەكىلى دېڭ بىلەن غۇلجىدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئەنە شۇ خاتىرىدە ئورۇن ئالغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ماھىنۇر خانىم كىتابىدا ئەخمەتجاننىڭ ئەنە شۇ 17-ئاۋغۇستتىكى خاتىرىسىنىڭ ئازغىنا بىر پارچىسىنى بەرگەن، قالغان قىسىملار يوق، دېمەككى، بۇنىڭدىن بىز ئەخمەتجاننىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىگە ئائىت خاتىرىسىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. ئەخمەتجان كۈندىلىك خاتىرىلىرىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ قولىدا تولۇق نۇسخىسى بار. دېمەككى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ھەتتا كۈندىلىك خاتىرلىرىغىچە، شەخسىي خەت-چەكلىرىگىچە، ئىمزا قويغان ياكى ئۇ يېزىپ تەييارلىغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگىچە يىغىۋېلىپ، بىر تەرەپ قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي رەھبىرى ھەر كۈنى قانچىلىغان ھۆججەتكە ئىمزا قويىدۇ، مۇھىم سىياسەتلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ كۆرسەتمە بېرىدۇ. مانا بۇ سانسىزلىغان ھۆججەتلەر نەدە؟ دېمەك بۇلارنىڭ بىر ئورنى بار، كۆيدۈرۈپ يوق قىلىنغانلىرىمۇ بار بولۇشى تەبىئىي.
شۈبھىسىزكى، ئەخمەتجان ھۆججەتلىرىنىڭ كۆپىنى سوۋېت تەرەپ خىتاي تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇشى، بىر قىسىم سوۋېتقا ئائىت نازۇك ھۆججەتلەرنى ئۆزلىرى ساقلىغان بولۇشى مۇمكىن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1949-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىدىكى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى بېكىتكەن. دېمەككى، سوۋېت-خىتاي ئىككى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 1949-يىلى 11-ئايدىن باشلاپلا مەخپىيەتلىك، ئىستىخبارات جەھەتتە يېڭى ھەمكارلىق باشلانغان. چۈنكى 1949-يىلى 10-ئايدىن بۇرۇن خىتاي كوممۇنىستلىرى تېخى رەسمىي دۆلەت ھالىتىدە ئەمەس ئىدى. پەقەت ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىنلا نۇرغۇن ھەمكارلىقلار، جۈملىدىن ئىستىخبارات ھەمكارلىقى رەسمىيلەشتى. ئەلۋەتتە، ستالىن يەنىلا ھەل قىلغۇچ كۈچ ئىدى.
ئەخمەتجان كۈندىلىك خاتىرلىرى قولىمىزدا بولسا بىز يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئېنىق بىلگەن بولار ئىدۇق.

مەنبەسى: ئاپتورنىڭ شەخسى بېتى

ئىلان ماسك تىرامپنىڭ سايلىنىشغا زور تۆھپە قوشتى ۋە ھۆكۈمەتتە مۇھىم ئورۇن ئالدى.ئىلون ماسكنىڭ ترامپ بىلەن بولغان مۇناسىۋى...
02/03/2025

ئىلان ماسك تىرامپنىڭ سايلىنىشغا زور تۆھپە قوشتى ۋە ھۆكۈمەتتە مۇھىم ئورۇن ئالدى.

ئىلون ماسكنىڭ ترامپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى:

ئىلون ماسك ترامپ ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنى 277 مىليون دوللار بىلەن قوللاپ، ترامپنىڭ تەختكە چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي كۈچ بولۇپلا قالماي، ئۇنى تۈرلۈك سەھنىلەردە تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە تەشۋىقات قوللىغۇچىسى بولدى. ئۇ ترامپقا تايىنىپ «ھۆكۈمەت ئۈنۈمدارلىقى مىنىستىرلىكى»نى قۇرۇپ، تىرىلىيون دوللار تېجەيمىز دەپ ۋەدە بەردى. دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى - ترامپتىن قالسا ئەڭ كۈچلۈك شەخس، ھەتتا بەزىلەرگە كۆرە، ترامپتىنمۇ كۈچلۈك شەخس دەپ قارالماقتا.

1. تۋىتتېر/X پلاتفورمىسى:
- ماسك تۋىتتېرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ترامپنىڭ ھېسابىنى قايتا ئېچىپ بەردى
- پلاتفورمىدىكى مەزمۇن چەكلىمىلىرىنى يېنىكلەتتى
- كونسېرۋاتىپ كۆز-قاراشلارغا كۆپرەك يول قويدى

2. سىياسىي مەيدانى:
- كېيىنكى يىللاردا جۇمھۇرىيەتچىلەرگە يېقىنلاشتى
- دېموكراتىك پارتىيەنى تەنقىد قىلىپ، «چەتكە قېقىلغانلىقى» ھەققىدە كۆپ سۆزلىدى
- كالىفورنىيەدىن تېخاسقا كۆچۈش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر باشقۇرىدىغان شتاتنى تاللىدى

3. سىياسىي ئىئانىلىرى:
- كېيىنكى يىللاردا جۇمھۇرىيەتچىلەرگە كۆپرەك مەبلەغ ئاجراتتى
- ئۆزىنى «ئوتتۇرا يولچى» دەپ تەرىپلىگەن بولسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كونسېرۋاتىپ پوزىتسىيەنى تۇتتى

4. جامائەت پىكرىگە تەسىرى:
- تورداشلار ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە
- سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە پات-پات پىكىر بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ
- ئۇنىڭ پىكىرلىرى كۆپىنچە قىزغىن مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

قىسقا خەۋەر: پاناما پرېزىدېنتى ماركو رۇبىئو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى  ت...
02/03/2025

قىسقا خەۋەر: پاناما پرېزىدېنتى ماركو رۇبىئو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى توختامنى داۋاملىق ئۇزارتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكتەئۇي...
01/31/2025

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكتە
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 31-يانۋار

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى-تايلاند تۈرمىسىدىكى مەھبۇس ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق قىلغان ئورگانلاردىن بىرىدۇر.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن فىرانسىيەنىڭ ياۋروپارلامېنىتغا ئەۋەتكەن پارلامېنىت ئەزالىرى تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى ياۋروپا پارلامېنتىغا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەزكۇر ئىنستىتۇت دەسلەپتە، «تايلاند 10 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈكىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك» نامىدا خەت ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پارلامېنىت ئەزالىرىنى ئىمزا قويۇشقا چاقىرىغان. 44 نەپەر فىرانسىيە ياۋروپارلامېنىت ئەزالىرى ۋە مىللىي مەجلىس ئەزالىرى بىرلىكتە مەزكۇر ئىنستىتۇت تەييارلىغان تايلاند ئۇيغۇرلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى خەتكە ئىمزا قويۇپ، داڭلىق ژورنال «ئازاتلىق» نىڭ تور نۇسخىسى ۋە باسما نۇسخىسىدا ئېلان قىلغان. پارلامېنىت ئەزالىرى تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنى ياۋروپاغا يەرلەشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان.

24-يانۋار كۈنى، مەزكۇر ئىنستىتۇت ياۋروپا پارلامېنىت ئەزالىرىدىن رافائىل گىرۇكسمان ۋە بەغناغ گېتتا قاتارلىقلار بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. فىرانسىيە پارلامېنىت ئەزاسى ئېمانۇئەل ئەگۇۋاخ پارلامېنىتتىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ فىرانسىيەنىڭ بۇ تەكلىپىنى سۇنۇشى ئۈچۈن كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئىنستىتۇت رەئىسى دىلنۇر رەيھان 23-يانۋار مەزكۇر خەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى پارىژدىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگەن.

https://uyghur.uyghurtimes.com/yawropa-uyghur-instituti-tayland-turmisidiki-uyghurlarni-qutuldurush-ucun-yawropa-parlamentini-heriketke-kelturmekte/

ترامپ يېڭى پرېزىدېنتلىقىنىڭ تۇنجى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدىئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 30-يانۋارئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «لاي...
01/30/2025

ترامپ يېڭى پرېزىدېنتلىقىنىڭ تۇنجى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 30-يانۋار

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «لايكىن-رايلى ھەرىكىتى قانۇنى»غا ئىمزا قويدى. بۇ قانۇن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىچىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى تۇتۇش-قاماش، ھەرقايسى شتاتلار بىلەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەر توغرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

تايلاند مۇئاۋىن باش منستىرى تايلاند تۈرمىسدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍نسان ھەقلىرىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزۈ...
01/30/2025

تايلاند مۇئاۋىن باش منستىرى تايلاند تۈرمىسدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍نسان ھەقلىرىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ بىرىش تەھدىتى ھىلىھەم مەۋجۇت

تەپسلى خەۋەرنى ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە قانىلىدىن ئوقۇڭ
www.uyghurtimes.com

Thailand Vows to Uphold Human Rights, but Deportation Threats Against Uyghurs Persist
UyghurTimes.com

Deputy Prime Minister and Defence Minister Phumtham Wechayachai reaffirmed on Thursday that Thailand would adhere to human rights and international law in addressing the case of 48 Uyghur refugees who have been detained since 2013, reports Thai’s Nation website.

Phumtham emphasized that Thailand has not deported any Uyghur to China over the past decade. However, he noted that since the 48 Uyghurs entered Thailand unlawfully, their status must be handled under Thai law.

The remaining 48 Uyghurs have now spent over a decade in detention under dire conditions, suffering from poor hygiene, inadequate medical care, and the constant fear of being sent to China. Uyghur groups reported that five Uyghur detainees, including a newborn and a three-year-old child, have died in custody since 2014.

Uyghurs and their allies worldwide have launched a large social media campaign, organized protests, and engaged in direct communications with the UN, EU, and Thai government, urging Thailand not to deport Uyghurs to China.

In a petition initiated by Uyghur groups on Change.org, more than 6,000 signatories urged Thailand not to deport the Uyghur detainees to China. Link to petition.

Nearly 200 scholars across 21 countries signed a statement of concern regarding the Uyghur detainees in Thailand.

Phumtham acknowledged the complexity of the issue, stating that Thailand must balance its sovereignty, human rights obligations, and international treaties. He reassured that “no one will be sent back to danger” and stressed that the matter should be handled discreetly rather than through the media.

كارولىنا لىۋايىت ئەڭ ياش ئاقساراي ئاخبارات باياناتچىسى بولدىئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-يانۋار 28-يانۋار ئاق سارايدا پىرەزدىن...
01/29/2025

كارولىنا لىۋايىت ئەڭ ياش ئاقساراي ئاخبارات باياناتچىسى بولدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-يانۋار

28-يانۋار ئاق سارايدا پىرەزدىنت تىرامپنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزدى.

كارولىنا لىۋايتب (Karoline Leavitt ) 27 ياش، يېڭى ھامپىشر شتاتىدىن،
ئۇ ۋە ئائىلىسى كۈچلۈك كاتولىك دىنى مۇخلىسى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى كاتولىك مەكتىۋىدە ئوقۇغان. ئ‍ۇ ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا بوينىغا ئېسۋالغان كىرسىت بەلگىسى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

كارولىنا -تىرامپنىڭ 2024-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلام پائالىيتىدە دۆلەتلىك باياناتچى بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆتكۈرلۈكى، ھازىر جاۋاپلىقى، قەتئى ۋە كەسكىنلىكى، تىرامپنى قەتئى ھېمايە قىلىش بىلەن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن.كارولىنانىڭ ۋەزىپىسى-تىرامپنىڭ سياسەتلىرىنى كۈندە ئاخباراتقا ۋە خەلقئاراغا بىلدۈرۈش بولۇپ،ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. پەقەت ئالاقىگە ماھىر بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا بىرىلگەن باھالاردىن بىرى، كۆپ قاتلام بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىقىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.


تىرامپنىڭ ئۆتكەن قېتىملىق ئاخبارات باياناتچىسى ساندىرىس خانىم ۋەزىپىسى توشقاندىن كىين سايلامغا قاتنىشپ، ئ‍ارىزونا شتاتىنىڭ شتات باشلىقى بولۇپ سايلانغان.
تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى -كارولىنانىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنشنى بايدىن دەۋرىدىكى قارا تەنلىك، لەزبىيان ۋە كۆچمەن كەررى دەۋرىدىن چوڭ ئىلگىرىلەش دەپ تەسۋىرلىگەن.

ختاي دائىرلىرىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ ئايدىن بىرىقى ئۇيغۇر تايمىزنىڭ سوسيال مېدىيا ھېسابلىرىنى تارتىۋىلىش، ئۆچۈرۋىتىش، ئەرز قىلىش...
01/29/2025

ختاي دائىرلىرىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ ئايدىن بىرىقى ئۇيغۇر تايمىزنىڭ سوسيال مېدىيا ھېسابلىرىنى تارتىۋىلىش، ئۆچۈرۋىتىش، ئەرز قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە قانۇنى ۋە تېخنىكىلىق چارىلەر ھەققىدە قسقىچە بايانات.

Statement on Uyghur Times Social Media Targeted by Chinese State-Sponsored Hackers

https://uyghurtimes.com/statement-on-uyghur-times-social-media-targeted-by-chinese-state-sponsored-hackers/

ترامپ قانۇنسز كۆچمەنلەرنى دەرھال قايتۇرۇۋش پەرمانىغا ئىمزا قويدىشۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا ئاقساراي بايانات...
01/27/2025

ترامپ قانۇنسز كۆچمەنلەرنى دەرھال قايتۇرۇۋش پەرمانىغا ئىمزا قويدى

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پىرەزدىنتى ترامپ شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ جەنۇبىي چېگرا ئارقىلىق ئامېرىكىغا كىرىشىنى توستى. ترامپ دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەھكىمىسگە بارلىق زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن چەت ئەللىكلەرنى دەرھال قايتۇرۇش ۋە قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا ھوقۇق بەردى ھەم يوليورۇق بەردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: قانۇنسىز كۆچمەنلەر بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى. ترامپ ئىلگىرى مۇنداق بىلدۈرگەنىدى: قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا زىيان يەتكۈزدى، ئامېرىكىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتتى، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شۇ جايدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە مەھەللىلەرگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ھەر يىلى ئامېرىكىغا نەچچە مىليارد دوللار زىيان سالدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ بارلىق قانۇنلۇق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ بۇ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى.

https://uyghur.uyghurtimes.com/tramp-qanunsz-kocmenlerni-derhal-qayturuwsh-permanigha-imza-qoydi/

توقايېۋ: ختاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستان دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىشختاي خەلق تورىنىڭ ...
01/27/2025

توقايېۋ: ختاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستان دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقستان بىلەن ختاي داۋاملىق مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدۇ

قازاقىستان پىرەزدىنتى توقايېف 22-چېسىلا مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان-ختاي ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ختاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستان دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش، بىز ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

توقايېف ختاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن چۈنلىن تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىدەك بىلدۈردى. خەن چۈنلىن مۇنداق بىلدۈردى: ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ختاي بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

خەن چۈنلىن 2024-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قازاقىستانغا بېرىپ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان.

ترامپ: ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمىغان بولسىلا زور سوممىلىق تاموژنا بېجى تاپشۇرىدۇئامېرىكا پىرەزدىنتى ترامپ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى...
01/26/2025

ترامپ: ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمىغان بولسىلا زور سوممىلىق تاموژنا بېجى تاپشۇرىدۇ

ئامېرىكا پىرەزدىنتى ترامپ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمىغان مەھسۇلاتلار «نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ھەتتا نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى» تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدۇ.

ترامپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دۇنيادىكى كارخانىلارغا بېرىدىغان ئۇچۇرۇم شۇكى، كېرەك، بولمىسا جەزمەن ئوخشاش بولمىغان سوممىدا تاموژنا بېجى تاپشۇرۇشى لازىم، شۇنداق بولغاندا، نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ھەتتا نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسىگە كىرىدۇ.» ئۇ يەنە ئامېرىكىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ بېجىنى %15كە چۈشۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

ترامپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا بېجى بەك يۇقىرى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چەكلىمىسى بەك كۈچلۈك، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدا تەتۈر بالانىس بەك چوڭ، دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ «ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئادىلسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

https://uyghur.uyghurtimes.com/tramp-amerikida-ishlepciqarmighan-bolsila-zor-sommiliq-tamozhna-beji-tapshuridu/

ختاي سۈنئى ئەقىلدىن پايدىلىنىپ، كىنو-فىلىملەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى باشلىدىئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 25-يانۋارخ...
01/25/2025

ختاي سۈنئى ئەقىلدىن پايدىلىنىپ، كىنو-فىلىملەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 25-يانۋار

ختاي سۈنئى ئەقىل تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئ‍شلىتىپ كەلگەنلىكى سر ئەمەس، نۆۋەتتە ختاي مەزكۇر تېخنىكىنى كىنو-فىلىملەرنى بىۋاستە ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىغا ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىشقا ئ‍شلىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا،ختاي سۈنئى ئەقىل ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئاۋاز تەرجىمسنى خىلى بۇرۇن يولغا قويغان.

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ختاي كىنوچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات ئورنى (تەڭرىتاغ) كىنو ئىستۇدىيەسى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى AI تەرجىمە بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغان.

خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، بۇ تەجرىبىخانىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت AI تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، تېكىست تەرجىمە قىلىش، ئاۋاز سىزىقىنى كىلونلاش، ئوربىتىغا بۆلۈپ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تولۇق تەرجىمە قىلىش تەرتىپىگە كۈچ قوشۇپ، كىنو-تېلېۋىزىيەنىڭ ئەسلىي فىلىم يېزىقچىلىق ئىستىلىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئادەم بىلەن ماشىنا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.»

ختاي شركەتلىرى سۈنئى ئەقىل تېخنىكىسى جەھەتتە، ئاز تەننەرق بىلەن كۆپ ئۈنۈم يارىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ختاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەتىنىدە،« ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىنولارنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئۈمىد قىلىدىكەن.

تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى 1959-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 40 نەچچە يىل ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قويۇلىدىغان كىنولارنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تەرجىمە قىلغان كىنو ۋە تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى 20 مىڭ قىسىمدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەر ئاز سانلىق مىللەتلەر تېما قىلىنغان كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتى تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.مەزكۇر ستۇدىىيە دۆلەت تەرىپىدىن مەخسۇس ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسى تەشۋىقاتى ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، «بەختلىك شنجاڭلىقلارنىڭ ھېكايسنى دۇنياغا ئاڭلىتىش» ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنى ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ، 5300دىن ئارتۇق كىشى ئىمزالىغان، 100 مىڭ قې...
01/24/2025

تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنى ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ، 5300دىن ئارتۇق كىشى ئىمزالىغان، 100 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن ئىمزا -تايلاندنىڭ 20 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا يوللاندى.
ئىمزا قويغان، تارقاتقان -بارلىق ئۇيغۇر قوللىغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا رەھمەت

ئۇيغۇرىئان.

https://x.com/Uyghurian/status/1882832221683462443

ماۋزۇ خەۋەر: رۇبىئۇ فېلىپپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېجىڭنىڭ جەنۇبى ختاي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھەرىكەتلىرىنى خەتەرلىك...
01/24/2025

ماۋزۇ خەۋەر: رۇبىئۇ فېلىپپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېجىڭنىڭ جەنۇبى ختاي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھەرىكەتلىرىنى خەتەرلىك دەپ ئاتىدى.

« ئامېرىكىدا، «مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارالغان ئ‍شلارنى بىز ئەڭ ياخشى قىلىمىز!»ئامېرىكا پىرەزدىنتى دونالد تىرامپ
01/24/2025

« ئامېرىكىدا، «مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارالغان ئ‍شلارنى بىز ئەڭ ياخشى قىلىمىز!»

ئامېرىكا پىرەزدىنتى دونالد تىرامپ

قسقا خەۋەر: تىرامپ سابىق ئەمەلدار  مايىك پومپيونىڭ بېخەتەرلىك سالاھىيتىنى رەت قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك  قوغداش تىزىملىكىدى...
01/23/2025

قسقا خەۋەر: تىرامپ سابىق ئەمەلدار مايىك پومپيونىڭ بېخەتەرلىك سالاھىيتىنى رەت قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك قوغداش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى.
پومپىيو ئۆتكەن يىلى ئىران تەرىپىدىن قەستلىنىش نىشانى ئىكەنلىكى ئىلان قىلىنغاندىن كىين، بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇنى ئالاھىدە قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
بۇ قېتىم قوغداش تىزىملىكىدىن چىقىرىلغانلار ئىچىدە يەنە بىرايىن خۇك ئ‍سىملىك يەنە بىر ئەمەلدارمۇ بار.
تىرامپ ھۆكۈمىتى تېخى ئاخباراتقا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرمىگەن.

«بىزنىڭ دۇنيا بويلاپ ئىلىپ بارىدىغان خىزمىتىمىز-ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تاشقى سياسەت بەرپا قىلىش...
01/22/2025

«بىزنىڭ دۇنيا بويلاپ ئىلىپ بارىدىغان خىزمىتىمىز-ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تاشقى سياسەت بەرپا قىلىشتۇر!»

ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى كاتىۋى ماركۇ رۇبىئۇ

Address

Washington D.C., DC

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Uyghur Agéntliqi posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Business

Send a message to Uyghur Agéntliqi:

Videos

Share