Erkin Asiya Radiosi

Erkin Asiya Radiosi Erkin Asiya Radiyosi Uyghurlargha munasiwetlik toghra, ishenchlik uchurlarni oz waqtida teminleydu

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈركى...
01/28/2025

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «TRT Awaz» قانىلىدا تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە چاتما فىلىمىنىڭ 6-قىسمى «شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشىگە ئورۇن بېرىلدى.

«شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش» ناملىق فىلىمدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ كۆچۈشى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پىروفېسسورلار بىلەن زىيارەت ئېلىپ بېرىلغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ تىراگېدىيەلىك كۆچۈش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ كۆچۈش جەريانىدا چۆللەر ۋە ئېگىز تاغلارنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئادەملەر يولدا توڭلاپ ئۆلگەن.»

سېنارىيە ئاپتورى خاقان قاراتاش، فىلىم ئىشلىگۈچى رافائەل سۇلتان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش قىسمىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئاخبارات كەسپى پىروفېسسورى ئابدۇلخەمىت ئاۋشار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، 2008-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش بايان قىلىنغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىنىپ، «TRT» تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ قېتىمقى ھۆججەتلىك فىلىمدا تېخىمۇ ئەتراپلىق بايان قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

#تۈركىيە

تۈركىيەنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «T R T Awaz» قانىلىدا تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە چاتما فىلىمىنىڭ 6-قىسمى «شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ قىسىم ئۇيغۇر ۋە ...

خىتاي ياساپ چىققان سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرىدىن «تېرەن تىنتىش» (Deep Seek) ئەپ ماگىزىنىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن تەڭلا بۇ ھەقتىكى...
01/28/2025

خىتاي ياساپ چىققان سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرىدىن «تېرەن تىنتىش» (Deep Seek) ئەپ ماگىزىنىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن تەڭلا بۇ ھەقتىكى تەنقىد ۋە غۇلغۇلا چۇقانلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

روس ئاندېرسون ئىمزاسىدا «كۆزەتكۈچى» گېزىتىنىڭ 27-يانۋار سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئاپتور مەزكۇر ئەپنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلار كىم؟» دەپ سورىغان. «تېرەن تىنتىش» بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىللىق خەلق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا زور دىققەت قوزغاۋاتقان تېمىلاردىن بولۇۋاتقانلىقىنى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ زور تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، كوللېكتىپ نازارەت، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىقلارغا نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئارقىدىن ئۇشتۇمتۇتلا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا يۇيۇلۇپ كەتكەن ھەمدە تېزدىن «كەچۈرۈڭ! بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ھازىرچە قولۇمدىن كەلمەيدۇ. باشقا تېمىلار ھەققىدە سۆزلىشەيلى» دېگەن ئۇچۇرنى كۆرسەتكەن.

ئاپتور يەنە «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە سوئال سورىغاندا، مەزكۇر ئەپ يەنە ئوخشاش شەكىلدە ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر ئەپنى ئىشلىتىپ باققانلاردىن جوردان ئىسىملىك بىر ياش «قېنى، شى جىنپىڭنى تەنقىدلەپ باققىن» دېگەندە بۇ ئەپ ئوخشاشلا بۇنىڭ ئۆزى جاۋاب بېرەلەيدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ قايتۇرۇپلا «ئەمىسە دونالد ترامپنى تەنقىدلەپ باققىن» دېگەندە مەزكۇر ئەپ تېزدىن دونالد ترامپنىڭ ئونلىغان «قاملاشمىغان» تەرەپلىرىنى قاتىرىغا تىزىپ چىققان.

«قەبىھ خىتاي» نامىدىكى قوللانغۇچى 28-يانۋار كۈنى «تېرەن تىنتىش» ھەققىدە سۆز قىلىپ، مەزكۇر ئەپنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىدە ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى باشقا ئەپلەرگە ئوخشاش بۇنىڭمۇ خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىر غەرب دۇنياسى تەمىن ئەتكەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك ئىزنالىرى ئەڭ زور دەرىجىدە يوقىتىش ئوبېيكتى قىل...
01/28/2025

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك ئىزنالىرى ئەڭ زور دەرىجىدە يوقىتىش ئوبېيكتى قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا بەكمۇ روشەن ئەكس ئەتكەن بىر ساھە يەر-جاي ناملىرىدىكى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا خىتاي تارىخنامىلىرىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇلغان يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، بۇنىڭدىكى سىياسىي غەرەزنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارالماقتا.

ۇ ھال قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بىكار قىلىنىش مۇساپىسىدىمۇ ئەينەن تەكرارلانغان. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە قۇمۇل شەھىرى بىكار قىلىنغاندا، ۋىلايەتنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك «قۇمۇل شەھىرى» دەسسىتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك قۇمۇل شەھىرىنىڭ نامى «ئېۋىرغول (يىجوۋ) رايونى» غا ئۆزگەرتىلگەن ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى قىلىپ بېكىتىلگەن. تارىخىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «گاۋچاڭ» ۋە «يىجۇۋ» ناملىرى خىتاينىڭ سۈي (618-581) ۋە تاڭ (618-907) دەۋرلىرىگە مەنسۇپ سالنامىلىرىدە، بولۇپمۇ تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئۇرۇنۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىللەردە ھازىرقى تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونىنى كۆرسىتىدىغان خىتايچە ناملاردۇر. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات بۆلۈمى دىرېكتورى، دوكتور ھېنرى شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) بۇنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن مەزمۇندىكى نەزەرىيە بىلەن بولغان بەزى باغلىنىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:

«شۇنداق، بۇ جاھانگىرلىك ھەرقاچان قىلىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى يەر ناملىرى ھەر ۋاقىت جۇغراپىيە ۋە خەرىتىچىلىك بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمما بىز دەۋاتقان بۇ ھادىسىلەر بىر تەرەپلىمە رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنىڭدا يەر ناملىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇش خاھىشى مەۋجۇت. چۈنكى بۇنىڭدا كىشىلەر بارا-بارا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جاينىڭ ئەسلىدىكى يەر نامى نېمە ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىنى ئويلاشقاندا شۈبھىسىزكى ئۇ جاھانگىرلىكنىڭ زېمىن ئىشغالىيىتىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە تەبىئىي ئەھۋال قىلىپ كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر خىتاي ئاكادېمىكلىرى بۇ خىلدىكى يەر ناملىرىنى خىتايچە يەر ناملىرىغا ئايلاندۇرغان بولسا، ئۇ ھالدا خىتايلارنى ئاشۇ يەرلەرنىڭ ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا رول ئوينىمايدۇ. مەسىلەن، ‹شىيۈ› دېگەن سۆز ‹غەربىي يۇرت› دېگەن مەنىدە بولۇپ، جاھانگىرلىك مەزمۇنىدىكى ‹شىنجاڭ› (يېڭى چېگرا) دېگەن سۆزدىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. بۇ خىل نام ئۆزگەرتىشى بۇ جايلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشىنى دەۋا قىلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا ئىككى خىل ھادىسە مەۋجۇت: بىرى، تارىخ داۋاسى، يەنە بىرى جاھانگىرلىك ئىشغالىيىتى ئاساسىدىكى ئەسلى كىملىكنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشى. »

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىنى ئويلاشقاندا شۈبھىسىزكى ئۇ جاھانگىرلىكنىڭ زېمىن ئىشغالىيىتىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە تەبىئىي ئەھۋال قىلىپ كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان بۇ نۇسخا «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىنگلىزچە ت...
01/28/2025

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان بۇ نۇسخا «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئىكەن. ئۇ مەزكۇر روماننى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم كىشى ئىسىملىرى ۋە يۇرت ناملىرى، تارىخ ۋە مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك بولغان ئاتالغۇلار، يەرلىك تۈسى قويۇق بولغان بايان ۋە تەسۋىرلەر، شۇنىڭدەك ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن گىرەلىشىپ كەتكەن ھېكايە ئېيتىمىنى توغرا ۋە دەل تەرجىمە قىلىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە مەزكۇر روماننىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچىسىدىكى يۇمۇرىستىك روھقا ۋە مول تەسەۋۋۇرلارغا تويۇنغان، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك زوقىنى لەرزىگە سالغان بايان ھەم تەسۋىرلەرنى ئىمكان بار تولۇقى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا ئىپادىلەش، ئىككىنچى بىر تىل مۇھىتىدا روماننىڭ بەدىئىي قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەممە ئىمكانىيەتلەر بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىنگلىز تىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ رومان ھەققىدىكى پىكىرلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، تەرجىمە نۇسخادا بايقالغان سەۋەنلىك ۋە كەمچىلىكلەرنى روماننىڭ كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىشتە زور ياردىمى بولىدىكەن.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىر، «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ سابىق رەئىسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت، «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىن ئىبارەت بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر بىر روماننىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

#كىتاب

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ دۇن....

25-يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا مۇھاكى...
01/28/2025

25-يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرەر يىغىن ۋە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلسا خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىنمۇ بىئارام بولۇپ بۇ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق يىغىن بىكار قىلىنماستىن بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئېچىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتى ۋە دىنى ئېتىقادىنى قوغداشنى نىشان قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئەزىز تۈرك مىللىتى ۋە قىممەتلىك ئاكادېمىكلارنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدە خىتايغا بېرىدىغان ئەڭ گۈزەل رەددىيەسى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قوللاپ ئۇنى دۇنيا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر».

يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خۇلاسە دوكلاتىدا، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەت ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چاقىرىقى قىلىنىپ، نەچچە مىڭ يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش، خىتاي ئاساس قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ۋە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پىروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى تەلەپ قىلىندى.

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

#تۈركىيە

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ «ئۈندىدار»، «دوۋيىن»، «خاۋكەن» قاتارلىق تور سۇپىلىرى ۋە ھەرقايسى تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ت...
01/28/2025

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ «ئۈندىدار»، «دوۋيىن»، «خاۋكەن» قاتارلىق تور سۇپىلىرى ۋە ھەرقايسى تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش كەسپىي مەركەزلىرىنىڭ ئېلانلىرى ۋە تىل ئۆگىنىش فىلىملىرىنىڭ كۆپلەپ تارقىتىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. قىزىقارلىق يېرى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان تەربىيەلەش مەكتەپلىرىدە دەرس بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە دەرسكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتايلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە ئۇيغۇر تىلى كەسپى ئۈچۈن مەخسۇس تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە تەربىيەلەش نىشان قىلىنغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بار ئىدى. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيەلىنىپ چىققانلار ئاساسەن، ئۇيغۇر تىلى ۋە خىتاي تىلى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەت مەمۇرى ياكى تەرجىمان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئوقۇشنى تاماملىغانلار بولۇپمۇ ساقچى ئورگانلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ۋە پارتكوم قاتارلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ نازارەت ۋە كونترول قىلىش فۇنكسىيەلىك ئاپپاراتى رولىنى ئۆتەيدىغان ئورگانلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى.

ھەتتا شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى يۆنىلىشلىك جىنايى ئىشلار رازۋېدكىسى كەسپى تەسىس قىلىنغان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ كەسىپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.

نەۋباھار ئىمزاسىدىكى بۇ ئوبزورنىڭ تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ «ئۈندىدار»، «دوۋيىن»، «خاۋكەن» قاتارلىق تور سۇپىلىرى ۋە ھەرقايسى تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش كەسپىي مەركەزلىرىنىڭ ئېلانلى...

2025-يىلى يانۋارنىڭ 18-ۋە 19-كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ۋە ئۇ...
01/28/2025

2025-يىلى يانۋارنىڭ 18-ۋە 19-كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ 13-نۆۋەتلىك ۋەكىللىرى 3-يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشقا باشلىدى. يىغىندا 2024-يىللىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىلىش بىلەن تەڭ، 2025-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە نېمىلەرنى قىلماقچى بولغانلىقىغا دائىر «پىلان» لار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2025-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىغا دەل 70 يىل بولىدۇ. ئۇيغۇر نامىدا ئاتالغان بۇ «ئاپتونوم رايون» دا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى ھەقىقىي يۈرگۈزۈشىگە ھېچقاچان يول قويۇلمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ رايوننىڭ ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتىلىشى خىتاينى ئەزەلدىن خاتىرجەم قىلغان ئەمەس. ئەگەر ئۆتكەن 70 يىلنى قۇتلۇقلاش توغرا كەلسە، بەلكى خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى قانداق قىلىپ 70 يىل ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالەتتە ئىدارە قىلالىغانلىقىنى قۇتلۇقلىشى مۇمكىن. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ ئاپتونوم ھەقلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون نامىنى ساقلاپ قالغان ھالدا يوقىتىۋېتىش ۋە رايون ئىگىسى بولغان مىللەتكە خەلقئارا تېررورىزمغا باغلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش، ھەممىلا دۆلەت قىلالايدىغان ئىشلار ئەمەس ئەلۋەتتە!

يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆتكەن يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، 2024-يىلىدىكى خىزمەتلىرىنى خىتاي مۇنداق بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغان. يەنى، «مۇقىملىق» ئاستىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، «كىرگۈزۈش» كۈچى تېخىمۇ كۈچەيگەن، «تەركىبنى يېڭىلاش» يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر يىل.

چۈنكى بىر مىللەتنىڭ ئاپتونوم ھەقلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون نامىنى ساقلاپ قالغان ھالدا يوقىتىۋېتىش ۋە رايون ئىگىسى بولغان مىللەتكە خەلقئارا تېررورىزمغا باغل...

خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ زىيارەت قىلىشى يەنى...
01/28/2025

خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ زىيارەت قىلىشى يەنىلا قاتتىق چەكلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئىپادىلەنگەن قىسقا ۋىدىيولار بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇنداقلا خىتاي ئاممىۋى تاراتقۇلىرىدىكى بۇ خىل ۋىدىيولار بىلەن خىتاينىڭ يېقىنقى تەشۋىقاتلىرى كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا.

دوۋيىندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم ئۇچۇر خاراكتېرلىك ۋىدىيولارنى چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تارقىتىۋاتقان ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىشسىزلىق، نامراتلىق، تۇرمۇش بېسىمى، كەمسىتىلىشلەر ئىسكەنجىسىدە ئىنتايىن قىيىن بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاساسەن لاگېر تۈرمىلەرگە قامىلىشى، ئىچكىرى خىتايدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىنى خىتايلار ئىگىلەپلا قالماي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي نوپۇسىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگىلىگەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان غەيرىي بىر جەمئىيەت شەكىللەنگەنلىكى نۇرغۇن مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

#ئىشسىزلىق

ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلارنى بازاردا يېمەكلەرنى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما ئۇلار خۇددى ياغاچ قونچاقلاردەك ھەرىكەتلەرنى تەكرارلايدۇ، بەكمۇ ئەجەبلىنەرلىك

01/28/2025

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ داڭلىق پەمىدۇر قىيامى خېئىنز ۋاتتې، 1930-يىللاردىن بېرى يېڭى زېلاندىيەلىكلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغ...
01/28/2025

يېڭى زېلاندىيەنىڭ داڭلىق پەمىدۇر قىيامى خېئىنز ۋاتتې، 1930-يىللاردىن بېرى يېڭى زېلاندىيەلىكلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ئىشەنچلىك مەھسۇلات ۋە داڭلىق ماركا بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلات بۇ ماركىنىڭ داڭقىغا قارا كۆلەڭگە چۈشۈرگەن.

يېڭى زېلاندىيەدىكى «ستۇف» (Stuff) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى، «خېئىنىز ۋاتتې» پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغىنىش خەۋپى بولغان بىر خەلقئارالىق شىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ماركىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە سوئال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2024-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادىريان زېنز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر ئىشلىتىشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە» ناملىق دوكلاتتا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە بۇلغىنىش خەۋپى بولغان 70 خەلقئارالىق ماركىنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان.

دونالد ترامپنىڭ 20-يانۋار ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە قايتا ئولتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا -خىتاي ئارىسىدىكى گېئو-سىياسى...
01/27/2025

دونالد ترامپنىڭ 20-يانۋار ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە قايتا ئولتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا -خىتاي ئارىسىدىكى گېئو-سىياسى ئىختىلاپ تېخىمۇ كۈچىيىپ، خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سانى رېكورت ياراتقان. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،خىتايدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلاندا، 2024-يىلى راي سىناشقا قاتناشقان 30 پىرسەنت شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى ياكى كۆچۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدىن كۆچۈشنى ئويلىشىۋاتقان ياكى كۆچۈۋاتقان شىركەتلەر ئۆتكەن يىلى 2020-يىلقىدىن ئىككى ھەسسە ئارتقان.

خەۋەردە، سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ، خىتايدىن كۆچۈش يۈزلىنىشىنىڭ ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى، «كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە مەبلەغ سېلىشى ئارتىدۇ، دېيىشكە ھېچقانداق بىر سەۋەب يوق» دەپ قارايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «مالىيە ۋاقتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەيلى ئامېرىكا شىركەتلىرى بولسۇن ياكى خىتاي شىركەتلىرى بولسۇن، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا سىياسىتىگە قانداق ماسلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن. ئانالىزچىلار، بۇ يۈزلىنىشنىڭ كاساتلىشىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، يەنى 25-يانۋار يېڭى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 2020-ي...
01/27/2025

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، يەنى 25-يانۋار يېڭى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ھايۋانلاردىن تارقىلىشىغا قارىغاندا تەجرىبىخانىدىن چىققان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ «تېخىمۇ يۇقىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر يېڭى دوكلات پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن CIA نىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن جون رەتكىلىف ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، ھازىرقى مەۋجۇت دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا يۇقۇمنىڭ تەبئىي مەنبەدىن تارقىلىشىدىن ئۇنىڭ «تەتقىقاتقا ئالاقىدار مەنبەلەردىن تارقىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرىدەك قىلماقتا» دېگەن.

جون رەتكىلىف مۇنداق دېگەن: «خىتايدىن كېلىدىغان ھەر تەرەپلىمىلىك تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش، ھەممە كۆپ سۆزلىگەن ئىشلارنىڭ بىرى. بۇ نېمە ئۈچۈن بىر مىليون ئامېرىكالىقنىڭ ئۆلۈشى ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بەش يىلدىن بېرى كوۋىدنىڭ كېلىش مەنبەسىگە باھا بەرمەي بىر چەتتە قاراپ تۇرغانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ». جون رەتكىلىفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن «تۇنجى كۈنى قىلىدىغان ئىش» ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 27-يانۋار ئىنكاس قايتۇرۇپ، كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىشىنىڭ ئېھتىماللىقى «ئىنتايىن ئاز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىتاي ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «ئورتاق خۇلاسىسى» ئىكەن.

#خىتاي

خىتاينىڭ 29-يانۋار باشلىنىدىغان چاغان بايرىمىنىڭ بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمانلارغا ...
01/27/2025

خىتاينىڭ 29-يانۋار باشلىنىدىغان چاغان بايرىمىنىڭ بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمانلارغا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەقلىد قىلىشقا مەجبۇرلاشنىڭ سەھنىسىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ چاغان ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدە باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقانلىقى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مەسنەۋى يېزىش، تۈگرە تۈگۈش، چاغاننى خىتاي پۇقرالىرىدەك كۈتۈۋېلىشقا تەشكىللەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

2017-يىلدىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش، شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەزكۇر ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىنى خۇددى ئۇلاردەك ئۆتكۈزۈش بىر مەجبۇرىيەت بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلانغان. چاغان ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سىنايدىغان بىر سىياسىي ئۆلچەم ھالىتىگە كەلگەن.

#چاغان

25-يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا مۇھاكى...
01/27/2025

25-يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە كاشغارلى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل، خىتاينىڭ بۇ يىغىننى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، يەنە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرەر يىغىن ۋە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلسا خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىنمۇ بىئارام بولۇپ بۇ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق يىغىن بىكار قىلىنماستىن بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئېچىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسى تەلىم-تەربىيە ۋە مەدەنىيەت بۆلۈمى مۇدىرى مېتىن كۆسە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىمۋوللۇق ئىسىملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىگە قامىلىپ يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە تۈرك دۇنياسى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق».

يىغىندا سۆز قىلغان پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى شۇنداقلا ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى ھەم قوغدىغۇچىسىدۇر. ئۇ، 2014-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ئىلھام توختىغا خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسى بېرىلدى. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرمەيدىغانلىقىنى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى».

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

#تۈركىيە

25-يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

1940-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسى تەرىپىدىن پولشانىڭ جەنۇبىدا قۇرۇلغان ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ جازا لاگېرى 1945-يىلى 1-ئاينىڭ...
01/27/2025

1940-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسى تەرىپىدىن پولشانىڭ جەنۇبىدا قۇرۇلغان ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ جازا لاگېرى 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر جازا لاگېرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بۈگۈن ئائۇسۋىتىزدا ئۆتكۈزۈلگەن. «6 مىليون يەھۇدىينىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىمۋولى» دەپ قارىلىدىغان ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ جازا لاگېرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ب د ت خادىملىرى، 54 خەلقئارالىق ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان 50 دىن ئارتۇق يەھۇدىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كىشى قاتناشقان.

ھالبۇكى، دۇنيا بۇندىن 80 يىل ئىلگىرى ئازاد قىلىنغان جازا لاگېرلىرىنى خاتىرىلەۋاتقاندا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ھېلىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرماقتا. قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ بۇ جازا لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ لاگېرلاردا 7-8 يىلدىن بۇيان ئازاب-ئوقۇبەتلەر تارتىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئەجەبا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ دۇنيا ئۇيغۇر پاجىئەسىنىڭ قانلىق مەيدانى بولغان بۇ جازا لاگېرلىرىنىمۇ خاتىرىلەمدىغاندۇ؟

بۈگۈن، يەنى 27-يانۋار «80 يىل ئىلگىرىكى يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش» مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا يېتىپ كەلگەن د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تېرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ خەلقئارالىق بىر تېمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

بىز رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن 6 مىليون يەھۇدىينى ۋە چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز

ئاۋسترالىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كەڭ كۆلەملىك ئىمپورت...
01/27/2025

ئاۋسترالىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كەڭ كۆلەملىك ئىمپورت قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئاۋسترالىيە قۇللۇق ئەمگىكىنى چەكلەش دائىرىلىرىنىڭ دىققىتى ۋە ئىنكاسىنى قوزغىماقتا. ئاۋسترالىيەنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي ئەمەلدارىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ ھەپتە ئاشكارىلىغان دەلىللەر ئاۋسترالىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە قارشى ھازىر ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ يىتەرسىز بولغانلىقى، ھۆكۈمەت بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىر ماھىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىنى دەرھال باشلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەكتىكەن.

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

ئامېرىكا بۇ 8 خىتاي شىركىتىگە جازا قويغاندىن كېيىنمۇ، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ شىركەتلەردىن مال ئىمپورت قىلىشى تېخىمۇ كۆپىيىپ، 2023-يىلى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن

01/27/2025

«ئىرلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرىيە زەيدىن خانىم بىلەن سۆھبەت

«Ирландийә Уйғур Мәдәнийәт Җәмъийити» ниң рәъиси Нурийә Зәйдин ханим билән сөһбәт

«Irlandiye Uyghur Medeniyet Jem’iyiti» ning re’isi Nuriye Zeydin xanim bilen söhbet

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشى، بۈگۈنكى ئۇي...
01/27/2025

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ قالدى.

مەلۇمكى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «ساراڭ»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت»، «چار خوراز»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «مۇساپىرلار قاۋاقخانىسىدا»، «چوشقىلارغا بايرام»، «ساۋاقداشلار»، «سالام، ھىسام ئاكا»، «نۇزۇگۇم» غا ئوخشاش يۇمۇرىستىك روھقا باي ھېكايە-پوۋېستلىرى، «قۇم باسقان شەھەر»، «سالچىلار» غا ئوخشاش تارىخ تۇيغۇسى كۈچلۈك رومانلىرى، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» قاتارلىق بىئوگىرافىك ئەسەرلىرى، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» غا ئوخشاش ئىلمىي ئەسەرلىرى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان ۋەكىللىك يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر.

ئىگىلىشىمىزچە، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئەپەندى تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان، شۇنداقلا 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئامازون تورىدا سېتىلىشقا باشلىغان. مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانى ۋە يورۇقلۇققا چىقىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن «قىرلىق ئىستاكان»، «ساراڭ»، «چار خوراز» قاتارلىق ھېكايىلىرى ۋە شۇ ئەسەرلەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن سىن فىلىملىرى بىلەن تونۇشقان. 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەرھۇم كۈرەش كۈسەن سوۋغا قىلغان «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، روماندىكى جاھانكەزدى سۈپۈرگە قاتارلىق سىمۋوللۇق تۈسى قويۇق بولغان ئوبرازلار، شۇنداقلا يۇمۇرىستىك روھقا ۋە ئۇلانما تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان جەزبدار بايانلار ئۇنى كۈچلۈك جەلپ قىلغان. ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغان بۇ روماننى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىققان. ئۇ بۇ رومانغا بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى ھېرىسمەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئويىغا كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدىكى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنى پارچىلارغا بۆلۈپ تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. پۈتۈن روماننى تولۇق تەرجىمە قىلىپ بولغۇچە ئاز دېگەندىمۇ يەتتە-سەككىز يىل ۋاقىت كەتكەن.

تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.

#كىتاب

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ دۇ....

Address

2025 M Street NW, Ste 300
Washington D.C., DC
20036

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Erkin Asiya Radiosi posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Business

Send a message to Erkin Asiya Radiosi:

Videos

Share

Category