Abduweli Ayup

Abduweli Ayup Kontaktinformasjon, kart og veibeskrivelse, kontaktskjema, åpningstider, tjenester, stjerner, bilder, videoer og kunngjøringer fra Abduweli Ayup, Podkast, Bergen.

24/11/2023

كۈلۈۋاتقان كىم، كۈلدۈرىۋاتقانچۇ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئايالىمنىڭ ئالتە يىل بۇرۇنقى بىر گېپى ھېلىمۇ ئېىسمدە. مەن تۇتۇلۇپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ بىرەر ئايغىچە بىچارەگە بىر ئادەمنىڭ كۈلكىسىمۇ سەت كۆرۈنگەن ئىكەن. ماڭىمۇ مەن قاماقتىن چىققاندا توي تارتىپ ماڭغان ياشلار، قىقاس چۇقان چىقىرىپ كۈلۈپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار، سەھنىلەردە قاش كۆزلىرىنى ئوينىتىپ جىلۋە قىلىدىغان ئۇسۇلچىلار، ھەتتا ھىچ ئىش بولمىغاندەك رېستۇرانلاردا داۋام قىلىۋاتقان بەزمە مەشرەپلەرمۇ غەلىتە تۇيۇلغان ئىدى. تېلۋىزوردا قىزىغان تۈرلۈك پروگراممالارنى كۆرۈپ، ئوقۇلۇۋاتقان شادىمان ناخشىلارغا قاراپ ئۆزۈمگە: «مەن يوقۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ چۇقان سالغان، ساراسىمىگە چۈشكەن تىل مۇشۇ كىشىلەرنىڭ تىلى بولغىيمىدى؟ مەن تۇتۇلۇپ كەتتى دەپ ئازاپلانغان ياش بوغۇنلار مۇشۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىدى؟ ئۇلارغا بەرىبىر ئىكەنغۇ؟ قاماقلارنى تولدۇرغان ياشلار، سوراقلاردا قىينالغان ياشانغانلار بۇلار ئۈچۈن شۇنچە قىممەتسىزمۇ؟ ئۇلار ئەجەبا مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قاماقتا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەمدۇ؟» دەپ ئازاپلىق پىچىرلىغىنىمنى ئۇنۇتمايمەن.

قاماقتىن چىقىپ بىرەر ئاي ئۆتكىچە تاماق ئالدىمغا كەلگەندە قاماقتا ئىچكەن ئوماچلار، كامېردا قالغان دوستلار كۆز ئالدىمغا كېلىپ، ساقچىنى كۆرسەم سوراقچىلار ئېسىمگە كېلىۋېلىپ پەرىشان يۈردۈم. شۇ جەرياندا بىر ئىشقا دىققەت قىلدىم، مەن بارغان يەردە دوستلار ئىلاج قىلىپ قاماق، تۈرمە دېگەن گەپلەرنىڭ چىقىشىنى خالىمايتتى. ئانام، سۆيگەن، سۆيۈنگەنلىرىم ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىممۇ مەندىن قاماق ھاياتىمغا ئائىت ھىچ نېمە سورىمىغان ئىدى. ھەتتا باشقىلارنىڭ شۇ تېمىنى تىلغا ئېلىشىنىمۇ چەكلەيتتى. شۇ تەرىزدە بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن كەچمىشىم سورالمىسىمۇ سۆزلەپ بېرىدىغان بولدۇم، سۆزلىگەنچە ئۆزۈمگە ئانچە ئېغىر كەلمەيدىغان بولدى. ھەتتا قاماقتىكى قىزىق ئىشلار، ھاماقەتلىكلەرنى يۇمۇرغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىپمۇ بولدۇم. قېرىنداشلار ئازاپلارنى ئاڭلاپ كۆندى، مەنمۇ كەچمىشىمنى كۈلكە- چاخچاقلارغا ئايلاندۇرۇشقا كۆندۈم. ئازاپنى ھېكايە قىلىپ سۆزلىۋەتسەكلا يېنىكلەپ قالىدىكەنمىز. ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ھەزىم قىلالماي قىينىلىپ، ئويلىغانچە ئويغا پېتىش ئادەمنى كېسەل قىلىدىكەن.

بۇرۇن نېمە ئۈچۈن قىرىق نەزىر قىلىنىدىغانلىقىنى، مۇسىبەت تۇتۇشنىڭ قىرىق كۈندە ئاياقلىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن. قاماقتىن چىققاندىن كېيىنكى بىر ئايدا ئۆزۈمنىڭ قاماق ھاياتىمنى خۇددى نورمال ھاياتتەك ھېس قىلىپ، قاماقتىكى كەچمىشىمنى نورمال كەيپىياتتا بايان قىلىشقا باشلىغىنىمدىن كېيىن قىرىقنىڭ سىرىنى ئاڭقىرىپ قالدىم. ئىنسان قىرىق كۈندە كۆنىدىكەن. شۇ قىرىق كۈندە بىزنى يوقلاپ كىرگەنلەرگە سۆزلەپ بەرگەن كەچمىشلەر ھېكايىگە ئايلىنىدىكەن. ئازاپلىق كەچمىش بايان جەريانىدا بېيىپ سۆزلىگىلى بولىدىغان تەسىرلىك ھېكايىگە ئايلانغاندا بىزمۇ مەزكۇر كەچمىشنى باشتىن كەچۈرگۈچى بولۇشتىن بايان قىلغۇچى بولۇشقا، كۆرگۈچى بولۇشتىن كۆزەتكۈچى بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىدىكەنمىز. ھەتتا بەزىدە ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن ھېكايىنىڭ كىشىگە تەسەللى بولىدىغان تەرەپلىرىنى، كۈلكىلىك تەرەپلىرىنى تاللاپ سۆزلەشكە باشلايدىكەنمىز تېخى! بۇنى پېسخىك دوختۇرلار ئىمۇنىت پەيدا بولۇش دەيدىكەن. ئىنسان ھەر قانداق ئازاپقا دۇچار بولۇپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىدە شۇ ئازاپقا قارشى بىر يۈرۈش مۇداپىيە مىخانىزىمى پەيدا قىلىدىكەن. يەنى بىز ئازاپقا قارشى ئامال- چارەلەرنى ئويلاپ، باھانىلەرنى تېپىپ چىقىدىكەنمىز، بۇنى پەندە ئازاپقا قارشى ئ‍ىمۇنىت شەكىللەندۈرۈش دەيدىكەنمىز.

ماڭا ئالتە يىل بۇرۇن كەلگەن كۈن ھازىر مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلدى. شۇ مىليۇن ئىنساننىڭ مىليۇنلىغان ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئازاپتىن ساراڭ بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياق، خۇددى بىزنىڭ ئائىلىدە مەن قاماقتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئىككى توي بولۇپ، بىر نەۋرە دۇنياغا كېلىپ بولغاندەك شۇ مىليۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆيىلىرىدىمۇ تويلار بولدى، ئەۋلاتلار تۇغۇلدى، مىيىتىلەر كۆمۈلدى، ھاياتلار كۈلدى، كۈلدۈردى، تۇرمۇش سۇدەك شارقىراپ ئاقتى. چۈنكى ھەممەيلەنگە كۈندەك ئايدىڭكى، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى، تۇتۇلغاننىڭ كەينىدىن كامېرغا كىرىپ يېتىشىپ بەرگىلى بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، قامالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ياشىمىساق بولمايدۇ. ئۆلۈپ بەرسەكمۇ، يىغلاپ ساراڭ بولۇپ كەتسەكمۇ ھىچ نېمە ئۆزگەرمەيدۇ.

بۈگۈن مۇھاجىرەتتە ھەممەيلەننىڭ يۈرىكى يارا، ئەمما ھەر كۈنى يارىلانغان بۆرىدەك يارىمىزنى يالاپ، تەپچىگەن قانغا قاراپ ئاچچىق ياش تۆكۈپلا يۈرگىلى بولمايدۇ. يارا كولىغانچە قانايدۇ، قانىغانچە بىزنى ھالسىرىتىدۇ. بىز مۇھاجىرەتتە خىزمەت، بالا، ئۆي دېگەن غەملەر بىلەن تولغان ئېغىر بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ، تۇتۇلغان قېرىنداشلارنىڭ ئازابىنى يۈرەكلەرگە چىڭ تېڭىپ، بەزىدە تۇرمۇشقا ھاپاچ بولۇپ، بەزىدە ھاياتنى يۈدۈپ ياشىشىمىز شەرت. ياشاش ئۈچۈن چىققان ئىكەنمىز ئاسماندىن تاش ياغقان تەقدىردىمۇ كۈلۈشتىن ۋاز كېچەلمەيمىز. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا بەزىدە يىغلايمىز، بەزىدە كۈلۈمىز، بەزىدە ئاتايىن كۈلدۈرىمىز بىر بىرىمىزنى.

بىز كۈلۈشنى خالايمىز، بىزنى يىغلاتقان، سېغىندۇرغان، ھەر بىر گىياسىغا زار قىلغان ۋەتەندىن چىققان كۈلكىلەر بىزنى تېخىمۇ ئىچىمىزدىن كۈلۈشكە ئۈندەيدۇ. ۋەتەندىن چىقىپ تۇرۇۋاتقان «غوجى يۇمۇرلىرى»، «بارات موچەن»، «كۈلدۈر كۈلدۈر»، «چولپان كەلدى»، «يىپەك يولى ساداسى» دېگەنلەرنى كۆرىدىغانلار خېلى كۆپ. مەندەك قەشقەرنىڭ توپىسىغا مىلىنىپ چوڭ بولغان ئادەمگە تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن «ئۇكام! ماڭ قايلىسىلا، شە جۇما ماۋا» دېگەن گەپلەر يېقىملىق ئاڭلىنىپ كېتىدۇ. مەنچە ھەممە يۇرتنىڭ گېپى ئ‍ۆزىگە يېقىملىق. ئۇيغۇرنىڭ كۈلكىسى ھەممەيلەنگە تاتلىق، چۈنكى بىز ئۇلاردىن تەسەللى تاپىمىز.

ۋەتەندە ئېيتىلىۋاتقان ناخشا، دېيىلىۋاتقان كۈلدۈرگە، سۆزلىنىۋاتقان چاخچاقلارنى كۆرۈشنى بىنورماللىق، خىتاينىڭ پىلانىغا ماسلاشقانلىق، قەستەن ئوينالغان سۈيىقەستكە ئەگىشىش دېيىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزدىن بىر سوئالنى سوراپ باققىنىمىز ياخشى. بىز ھەركۈنى يىغلاپ ياشىدۇقمۇ؟ يىغلاپ ياشىيالامدۇق؟ بىز ياشىغان ھاياتتا، بىز كۈلگەن دەقىقىلەردە ۋەتەندىكىلەرنىڭ ھەققى يوقمۇ؟ ئۇلار تاماشابىن بولۇپ كۈلسە، سەنئەتكارلىرىمىز ئارتىس بولۇپ ئۇلارنى كۈلدۈرسە نەرى يامان؟ بىزنىڭ كۈلۈشكە ھەققىمىز بار، ۋەتەندىكىلەرنىڭ يوقمۇ؟

ۋەتەندە چىقىۋاتقان سەنئەتلىك پروگرامما، كۈلدۈرگىلىك سىن ۋە قىسقا فىلىملەرنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشى يوق ئەمەس، ئەمما ھەممىسى سىياسى تەشۋىقاتمۇ ئەمەس. ئەگەر قىپقىزىل بولۇپ كەتسە خېرىدارى بولمايدۇ، ئىشلىگەن شىركەت، ئېلان بەرگەن كارخانا زىيان تارتىدۇ. ۋەتەندىكى سەنئەتنى خىتاينىڭ سۈيىقەستى دېيىشتىن بۇرۇن شۇ نومۇرلارنىڭ ئاستىغا يېزىلغان، لىپىلداپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ئېلانلارغا قاراپ باقتۇقمۇ؟ ھەر بىر ئېلان پۇل دەپ جىلۋە قىلىدۇ. شۇ چىرايلىق خېنىملارنى كۈلۈمسىرەپ جەزىبىلىك سۆزلەرنى قىلىشقا ئۈندەۋاتقىنى مەزكۇر پروگراممانىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى. 2013-يىلى ۋەتەننىڭ سەھنىسىنى قىزىتقان «يىپەك يولى ساداسى»، «تالانت سەھنىسى»، «ئەقىل باغچىسى» «ناۋا پروگراممىسى»، «مەشرەپ» دېگەنلەرنىڭ ھەممىنى خىتاي ھۆكۈمىتى چىقىم قىلىپ قويغۇزغان ئەمەس. ھەممىسىنىڭ كەينىدە پۇل، پۇل پۇل دەپ بېسىلىۋاتقان بىر كۈرەك بار. بۇ كۈرەكنى بېسىۋاتقىنى سودىگەرلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ ئېلان ئارقىلىق تونۇتۇۋاتقان مەھسۇلاتى، ئۇلارنى سەنئەتكە چىقىم قىلدۇرۇپ تۇرغۇزمايۋاتقان نەرسە مىليۇنلىغان ئۇيغۇر ئىستىمالچىنىڭ يانچۇقىدىكى قىزىل قەغەزلەر.

ۋەتەندىكى سەنئەت نومۇرلىرى چەتئەلگە قانداق چىقىدۇ؟ ئىقتىساتشۇناسلىق ئىلىمىدە ئىھتىياج تەمىنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن نەزەرىيە بار. دېمەكچى، نەدە ئىھتىياج بولىدىكەن، شۇ يەردە تەمىنلەش بولىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندە ئىشلەنگەن دوپپا، تۇماق، ئەتلەس، چالغۇ، كانۋايلارغا ئىھتىياجلىق بولۇۋېدۇق، ئىستانبۇلدا دۇككانلار ئېچىلدى. بىرەيلەن مەنبەسىنى سوراپ باقتۇقمۇ؟ بۇنىڭ خىتاينىڭ ھېلىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باققانلار بارمۇ؟ مەنچە بار بولسىمۇ كۆپ ئەمەس. بىز بېشىمىزغا كىيگەن ماددى مەھسۇلات دوپپىنى خىتاينىڭ ئويۇنى دېمىگەن ئىكەنمىز، نېمە ئۈچۈن ئادەم كۈلدۈرۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان مەنىۋىي مەھسۇلاتلارنى خىتاينىڭ سۈيىقەستى دەپ قارىۋالىمىز؟ خەتەرنى خەتەر دېمەي ۋەتەندىن دوپپا تۇماقلارنى چىقارغان ئۇيغۇر سودىگەر، خىتاينىڭ ۋىچەت، ۋېيبو، يۇكۇ دېگەن قاناللىرىدىن شۇ كۈلكە چاخچاقلارنى چۈشۈرۈپ تارقاتماسمۇ؟ ئەگەر ھىچ بىرىمىز كۆرمىگەن بولساق، شۇنىڭدىن كىرگەن ئېلان بىلەن تۆت تەڭگە تېپىپ خراجەت قىلمىغان بولسا خەق نېمە قىلىدۇ، ئۇلارنى سائەتلەپ چۈشۈرۈپ، ئاۋارە بولۇپ تورغا يوللاپ! ئەلۋەتتە، ئۇنداق ۋەتەندىن چىققان سىنلارنى تورغا قويغانلار ئىچىدە سەنئەتنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، باشقىلارغا كۈلكە ئاتا قىلىش ئۈچۈن، پەرزەنتلەرگە ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈچۈن مىھنەت سىڭدۈرىۋاتقانلارمۇ كۆپ.

خىتاينىڭ سەھنىگە چىقارغىنى بۇرۇنمۇ بار ئىدى، ھازىرمۇ بولۇۋاتىدۇ، ھەمدە بىز ۋەتەننى تارتىپ ئالمىغىچە شۇنداق بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان دىققەت قىلساق خىتاينىڭ دۇنياغا كۆرسىتىپ زۇلۇمنى ئاقلىماقچى بولغىنى بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىزدىن بەكرەك ئۇيغۇرچە كىيىنگەن خىتاينىڭ ئارتىسلىرى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ مەيدانلىرىنى تولدۇرۇپ ئۇيغۇرچە كىيىنىپ ناخشا مۇقام توۋلاۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان، قوللاۋاتقان ئىشمۇ يوق! پەقەتلا تۇتىدىغاننى تۇتۇپ يەنە بىر قىسمىدىن تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقام ئانسامبىلىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ مۇقام كەسپىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن توختاتتى. ئابلاجان ئاۋۇت، رەشىدە داۋۇت، مەمەتجان ئابدۇقادىر قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىزنى ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئالداپ ئۇسۇلغا سېلىشنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنى چاكار ئىشىچىلارغا، بىكارلىق ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ بولدى. ۋەتەندىن چىقىۋاتقان فىلىملەرنى خىتاي ئاتايىن چىقىرىپ بىزنى كۈلدۈرىۋاتقان يوق. خىتاي مۇھاجىرەتتىكى بىزلەرنىڭ كۈلۈشىمىزنى ئەمەس ئازاپتىن تۈگۈشۈپ كېتىشىمىزنى ئازرۇ قىلىدۇ. خىتاي ئۆزى سالغان دەرتلەرنىڭ بىزنى دەرتمەن قىلىپ خاراپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ.

ئۇيغۇردا «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا» دېگەن ماقال بار. بۇ ماقالغا ئون يىلدا بىر كىچىك تەۋرىنىش، ئوتتۇز يىلدا بىر چوڭ قوزغىلىش قوزغاپ، قىرىلىپ تۇرسىمۇ باش ئەگمىگەن، ئۆلتۈرۈلسىمۇ تىز پۈكمىگەن بىر مىللەتنىڭ ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقى، ياشاشقا بولغان تەشنالىقى، ھاياتنى ياشنىتىدىغان سەنئەتكە، مەشرەپكە، كۈلگە چاخچاققا بولغان ھېرىسمەنلىكى مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭا بۇ مىللەت 1944-يىلدىكى ئىلى ئىنقىلاۋىدا كۈندۈزدە دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشسا كېچىسى مەشرەپ قىلىشنى قولدىن بەرمىگەن. جەڭچىلەرنىڭ مۈرىسىدە راۋاپ بىلەن مىلتىق تەڭلا ئېسىقلىق ئىدى. شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ھازىرمۇ ھايات، ۋەتەندىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنگە تەشنا ئۇيغۇرلار ئاشۇ ئېزىلمەس روھنىڭ ۋارىسلىرى بولغاچقا، بولۇۋاتقان شۇ قەدەر زۇلۇمدا ساراڭ بولۇپ ئىشتاننى باشقا كىيىپ چىقىپ كەتمەي ياشاۋاتىمىز. بىز ۋەتەندىن مۇسىبەتنامىلەرنىڭلا چىقىشىنى، تۇتۇلغان، كېسىلگەن شۇم خەۋەرلەرنىڭلا چىقىشىنى كۈتمەيمىز. ۋەتەندىن كۈلكىمۇ چىقسۇن، كۈلدۈرىدىغانلار ئۈزۈلمىسۇن، ناخشىلار ئۈزۈلمىسۇن، خەلقىمىز بىر پەس بولسىمۇ ئازاپنى ئ‍ۇنۇتسۇن! بىز بىر كۈن بولسىمۇ كۈلگەن ئۇيغۇرنى كۆرۈپ ياشايلى، قېرىنداشلارنىڭ تەبەسسۇملۇق چىرايىغا قېنىپ ياشايلى. شۇ سەنئەتلىك نومۇرلاردىن بىلەيلى كىملەر ھايات، كىملەر كەتتى، كىملەر ئۈرۈمچىدە كىملەر سۈرگۈندە.

يىغلاۋاتىمىز، ئازاپتا ئۆرتىنىۋاتىمىز. بۇنداق چاغلاردا كۆزىمىزگە كۈلگەنلەر، ئويۇن چاخچاقچىلار چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما دۇنيانىڭ بىز يىغلىغاندا تەڭ يىغلاش مەجبۇرىيىتى يوق، بىزنىڭ يىغا بىلەن نېرۋىزمىزنى كاردىن چىقىرىپ خىتاينىڭ ئارۇسى بويىچە تۈگىشىپ كتىش خىيالىمىزمۇ يوق. نەچچە يىللىق يىغىمىز بىزنى يىغلاشقا، يىغىلارنىلا كۆرۈشكە، ئازابىمىزنى يىغا بىلەنلا تۆكۈشكە خۇمار قىلىپ قويمىسۇن. ھېچ كىمنىڭ يىغا باسقان مىسكىن يۈزلەرنى كۆرگۈسى يوق، ھىچ كىمنىڭ ھازا ئاچقانلاردىن ھەقىقەت ئىزدىگۈسى يوق. ھەقىقەت بىزنىڭ مىشىلدىغان يىغىمىزدا ئەمەس ئازابىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئەقلى بايانلىرىمىزدا، ئەقەللى پاكىتلىرىمىزدا ۋە مەردانە ھەرىكىتىمىزدە. يىغىمىزنى سەنئەتكە، پاكىتقا، ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇپ كىتاب يازايلى، كۈندىلىك خاتىرە يازايلى، ناخشا ئېيتايلى، درامما ئورونلايلى، ھەسرەتلەرنى كىنوغا، فىلىمگە، ئۇسۇلغا ئايلاندۇرۇپ نامايەن قىلايلى. خاتىرجەم بولايلى، تۆت ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە ناخشا ئېيتقانغا دۇنيا بىزنى ئارتىس بولۇپ كېتىپتۇ، قوللىمايلى! دېمەيدۇ. بەش ئۇيغۇر ۋەتەندە كۈلدۈرگە ئورۇنلىغانغا ئىنسانىيەت خىتايغا قارشى مەيدانىدىن يېنىۋالمايدۇ. خىتاي مىيۇنلىغان ئۇيغۇرنى قاماپ، ئۇلارنى چاكار ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، تۈرمىلەرنى تولدۇرۇپ بولۇپ سەھنىدە يىغىپ كەلسە يۈز چىقمايدىغان ئارتىسنى ھەر كۈنى ئويۇن قويغۇزسىمۇ ئادالەتنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىپ كور قىلالمايدۇ.

2021-يىلى 17-يانۋار

قىزىقارلىق قالپاقچىلىقئابدۇۋەلى ئايۇپمەن «بۇرۇنقى گېتلىرچە بۇرۇت ۋە بۈگۈنكى نىقاپ» ناملىق ماقالەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆ...
24/11/2023

قىزىقارلىق قالپاقچىلىق

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

مەن «بۇرۇنقى گېتلىرچە بۇرۇت ۋە بۈگۈنكى نىقاپ» ناملىق ماقالەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆزىگە تارىختا ۋە بۈگۈن سىغدۇرمىغان ئىككى كەلگۈندى ھادىسىنى ئىزاھلىغان ئىدىم. بۇ ماقالە چىققاندىن كېيىن بەزى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ۋە ئۇستاز، پىشىۋالارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نەتىجىدە ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ۋە مۇھەممەت يۈسۈپ دېگەن ئىككى ئۇستازدىن ئىنكاس چىقتى. ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قارىغا ئورۇنۇپ نىقاپ تاقاشنى مۇباھ يەنى دىنىي مەجبۇرىيەت ئەمەس دەپ چىقارغان پەتىۋاسىى بىر قايىل قىلارلىق دىنى ھۆكۈم بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

ماقالەمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن قارشى چىققان ئۇستازلاردىن ئىككى خىل كىشىلەر كۆپرەك بولدى. بىرى نىقاپنى تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئاللاھقا قارشى چىققانلىق بولىدۇ دېگەنلەر بولدى. يەنە بىرى كىيىنىش كىشىلىك ئەركىنلىك بۇ ھەقتە پىكىر قىلىش دېموكراتىيەگە قارشى تۇرغانلىق، دېگەن دوستلارمۇ بولدى. بۇنى قىسقارتىپ شەرقچە قالپاق ۋە غەرپچە قالپاق دېسەكمۇ ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن.

كىشىنىڭ نېمە قىلىشى، نېمە يىيىشى، نېمە كىيىشى ھەقىقەتەن دېموكراتىك ھوقۇق. مەن بۇنى قوغدايمەن. شۇڭا مەن يازمامدا ھىچ بىر شەخسنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى كەي، بۇنى كىيمە دېمىدىم. شۇڭا بۇ يەردە ھىچ بىر ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلغان ئىش يوق. مەسلەن، تاماكىنىڭ زىيىنىنى تەتقىقات قىلىدىغان مىڭلارچە ماقالىنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇنداق تەتقىقات ھەرگىزمۇ پاتىخە ياكى نادىيەنىڭ تاماكا چېكىش ئەركىنلىكىگە ئارىلاشقانلىق ئەمەس. پەقەتلا بىر تەتقىقاتچى قىلغان ئىزدىنىش نەتىجىسى. تەتقىقات قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىز، قوبۇل قىلىش قىلماسلىق سىزنىڭ ئىشىڭىز.

ئاللاھقا قارشى چىققان دېيىش، دىنغا قارشى دېيىش، ئىتىقادىمىزغا ئارىلاشتى دېيىشلەرنىڭ مەن توردا يېزىقچىلىقنى باشلىغاندىن بۇيان تەكرارلاپ كېلىنىۋاتقان، مىللەتكە قاراشلىرىمنى سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان كونا ئەپسۇنكەشلىك ئىكەنلىكىنى ئاقىللار بىلىدۇ. ماقالىنى مەن يازدىم، سىز ئۇنى دىنغا قارشى دەمسىز، ياكى ئۇيغۇن دەمسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. مەن ماقالەمنى دىن نوقتىسىدىن، بىر ئۆلىمانىڭ سالاھىيتىدىن چىقىپ يازمىغان، ئەمما سىزنىڭ دىن نوقتىسىدىن چىقىپ رەت قىلىش ھوقۇقىڭىز بار. مەن بىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، مەن بىر تىلشۇناس، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ كەسپىي دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كېچەك، يىمەك ئىچمەك مەدىنىيىتى ھەققىدە توختىلىمەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەبچە، پارىسچە، رۇسچە قاتارلىق مۇھاجىر سۆزلەر ۋە يەرلىك مىللى سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ۋە مەنە ئۆزگىرەشلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشمۇ مېنىڭ تەتقىقات دائىرەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر يازغۇچى ۋە مۇخبىر، شۇڭا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان، دۇچ كەلگەن ۋە كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان تەھدىتلەر، مەسىلىلەر ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرىمەن.

ۋەتەندە ئانا تىل مائارىپىغا تەشەببۇسكار بولۇپ يۈرگەن
چاغلىرىمدا ۋەتەن سىرتىدىن تور دەرسخانىسى، ئاۋازلىق ھۆججەتلەر ۋە بارماق دېسكىلار ئارقىلىق كىرىۋاتقان تەبلىغلەردىن ئەنسىرەپ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان جىھات ۋە ھىجرەت تەشۋىقاتىنىڭ ئۇيغۇرنى ئىنتىرناتسىئۇنالىزىم جەڭچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئىھتىممالىقىدىن ئاگاھلاندۇردۇم. قوللانغان سۆزۈم ئەينەن شۇ. چۈنكى بىزگە ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئۈچۈن
ياشايدىغان ئىنسان، ئۈممەتچىلىك -
ئىنتىرناتسىئۇنالىزىمچلىق بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىدىن ياخشى ئىدى. شۇ يىللاردا خۇددى بىر مەركەزدىن تارقىتىپ بېرىلگەندەك قارا نىقاپتا يۈزىنى يۆگەپ، باشتىن ئاياققىچە قارا كىيىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئۆلۈم، توي ۋە بايراملارغا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئادەتلەر دىنىي ئىبادەت دەپ قارىلىپ بىدئەتكە چىقىرىلدى. شۇ چاغدا مەن ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالدىم. مەن ئۇيغۇرنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى، شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ ئادىتى نوقتىسىدىن چىقىپ نىقاپلىنىشىنى توغرا ئەمەس دەپ قارىدىم. دوستۇم ھەبىبۇللا ئەمەت كۆسەنى دىن نوقتىسىدىن چىقىپ نىقاپلىنىشىنى تەرغىب قىلىپ پەتىۋا بەرگەن ئىدى. مېنى ياقتۇرىدىغان بىر ئۇيغۇر باي ئاتايىن كېچىلەپ چاقىرىپ دىنغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن ئىدى. ھازىر ئۇ دوستىمىز تۇتۇلۇپ كەتتى.

ۋەتەن سىرتىغا چىققاندىن كېيىن 2017-يىلى يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قەتلىئام سەۋەپلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنى تۈركىيەدە تەسلەشتى. بۇ ۋەقەدە تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئەللىكتىن ئاشىدۇ. شۇنىڭغا قوشۇپ تۇتۇلغان ئۇيغۇر 380 ئەتراپىدا بولۇپ تۇتۇش ئوبىكتى ئۇزۇن ساقال قويغان ۋە قارا نىقاپتا يۈزىنى ئورىۋالغانلار بولدى. مەن شۇ يىلى مارتتا ئىستانبۇلنىڭ سىلۋىرى ناھىيەسىگە جايلاشقان قايتۇرۇش مەركىزىگە بىر ئىش بىلەن باردىم ۋە ئۇ يەردە قارا نىقاپتا يۈزىنى ئورىۋالغان ئۇيغۇر خانىملىرىنى كۆردۈم. شۇ قايتۇرۇش مەركىزىنى 2018-يىلى رامىزاندا يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلدىم. قامالغانلار يەنە شۇ نىقاپلانغان ئۇيغۇر خانىملار ئىكەن. ياردەم سوراپ قادىكۆيدىكى تۈرك ئوچاقلىرى دەپ ئاتىلىدىغان مىللەتچى تەشكىلاتتا ئىشلەيدىغان تونۇشۇمغا بارغان بولساممۇ ئۇلار تېرورغا قارشى قىسىم تەرىپىدىن تۇتۇلغانلارغا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى نېمىشقا ئۇزۇن ساقال، قارا نىقاپ بىلەن تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىگە قارشى ئەرەبچە يول تۇتىدۇ؟ دەپ قايناپ كەتكەنلىكىنى ھازىرمۇ ئۇنتالمىدىم. ئامالسىز ئۇلارغا خىتاينىڭ زۇلمى ۋە ئېزىقتۇرىشى بىلەن مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم، ئەمما بىر ئۇيغۇر تۆت ئاي سەۋەپسىز يېتىپ قالدى.

مەن مەيلى ۋەتەندە بولاي، ياكى مۇھاجىرەتتە بولاي، ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان بىرەر تەشەببۇس، تەرغىبات ۋە ئىددىيەنى ئوتتۇرىغا قويمىدىم. خىتايدا دىنىمىز تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى خىتاي قانۇنلىرى بويىچە قوغداشنى تەشەببۇس قىلدىم، بۇ شۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى شۇنداق قىلىشنىڭ ماڭا ئەگەشكەنلەر ئۈچۈن بىخەررەك بولىدىغانلىقىدىن بولغان. مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمدا ئەتە مۇستەقىللىقنى ئالىمىز، بۈگۈن جىھاتقا چىقىشقا باشلايلى دەپ باقمىدىم، بۇ مېنىڭ مۇستەقىلچى ئەمەسلىكىم، ياكى دىنغا قارشىلىقىمدىن ئەمەس. بۇ ئىككى سۆز ئاجايىپ سۆيۈملۈك، مەن ئىككىلا سۆزنى دېيىشنى خالايمەن، ئەمما قانداق قىلىشنى بىلمەيمەن. مەن ئۆزۈم ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. ئەگەر مەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر سەۋەپلىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرنى قانىغان بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.

مەن ۋەتەندە يۈزىنى نىقاپلاشنى توغرا كۆرمىدىم، مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمدىمۇ توغرا كۆرمەيمەن، چۈنكى بۇ نىقاپتا ھەر بىر ئۇيغۇرغا بىر ياخشىلىق بارلىقىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىغان يوق. مەن ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىنى رەت قىلىشنى بۇرۇن توغرا كۆرمىدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توغرا كۆرمەيمەن. سىزگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كوممۇنىستنىڭ بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، بىدئەت بولۇپ تۇيۇلسىمۇ مەن ئۇنى قوغدايمەن، چۈنكى مەدەنىيەت دىندەك خۇسۇسىي تاللاش ئەمەس، مىللەتنىڭ تاللىشى، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت بىلەن مىللەت دەپ ئىتىراپ قىلىنىدۇ، دىنى بىلەن ئەمەس. بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇرغا خاس مەدەنىيىتىمىزدە، ئىنسانىيەتكە ئورتاق دىنىمىزدا ئەمەس. مەسىلەن، بىر ئۇيغۇر تۇغۇلۇپ قىرىق كۈن بولغاندا تۇغۇلۇش مۇراسىمى بولغان قىرىقى قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر كۈن تۈن تەڭلىشىپ جاھان ئىللىغاندا نورۇز
قىلىدۇ. بۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مىللى تاللىشى، بۇ سىزنىڭ خۇسۇسىي تاللىشىڭىز ئەمەس. مەن ئۇيغۇرنىڭ مىللىي تاللىشىنى قوغداش تەرەپتارلىرىغا مەنسۇپ. بۇ سەۋەبتىن مېنى دېموكراتچى دەمسىز، دېموكراتىيەگە قارشى دەمسىز، دىنغا قارشى چىققان دەمسىز بۇنداق شەرقچە ۋە غەرپچە قالپاقلىرىڭىز ماڭا بەرىبىر. مەن ھىچكىمنى نورۇز ئۆتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن ھاقارەت قىلمىدىم، ياكى ھىچ كىمگە قىرىقىنى قىلىش ھەققىدە دىندىن پايدىلىنىپ پەتىۋا بەرمىدىم، ياكى سېكىرتاردەك بۇيرۇق قىلمىدىم. شۇڭا ماڭا دېموكراتىيە ۋە دىندىن چىقىپ قالپاق كىيدۈرمەكچى، ھەددىمنى بىلدۈرمەكچى، دەرس بەرمەكچى بولسىڭىز يول بولسۇن. چۈنكى ئېيتقانلىرىم سىز دەۋاتقان ئەيىپلەشلەرنىڭ سىرتىغا مەنسۇپ.
باشقىلارنى قالپاق كىيدۈرۈپ تەنقىتلەش تولىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسۇل. چۈنكى قالپاقنى سىزدەك ئۆلىمالار، دوكتۇرلار كەيدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاۋامدا قالپاق كىيگەنگە قارشى ئاممىۋى ھۇجۇم باشلىنىدۇ. سىزلەر شىمىشكە چاققاچ تاماشابىن بولىسىزلەر. كىشىلەر قالپاق كىيىپ قالغان ئادەمنىڭ نېمە دېگىنىگە قارىماستىن سىزلەر كىدۈرگەن قالپاققا قارىتىپ ھۇجۇم قىلىشنى، ئۆزى ھىچ نېمە بىلمىسىمۇ شۇ كىشىنىڭ قالپىقىغا قاراپ تاش ئېتىشنى دەۋام قىلىدۇ.

مەن قالپاقلارغا ئۆچ ئەمەس، چۈنكى شۇ قالپاقلارنى مەندەك ئىش قىلغان، پىكىر قىلغان، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرلۇق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان؛ خەق سالغان داستىخانغا، چالغان چاۋاكقا, قىلغان ئىززەت ئىكرامغا ئەمەس، ئۆزى توغرا دەپ بىلگەنگە سادىق بولغان ئادەم كىيىدۇ. قالپاق كىيىپ ئېزىلىپ، كۆڭلۈم بۇزۇلۇپمۇ كەتمەيدۇ، چۈنكى قالپاقنى مەن كىيگەنگە مىللەت زىيان تارتمايدۇ، مەن كىيگەن قالپاق بىلەن بىر ئۇيغۇر تۈرمىگە كىرمەيدۇ، يېتىم قالمايدۇ، ۋەتەندىن مەھرۇم سەرسان بولمايدۇ، يات تۇپراقلاردا جەسەتلىرى مۇساپىر بولمايدۇ.

ماڭا قالپاق كىيدۈرۈشلەر يېڭىلىق ئەمەس، ۋەتەندە كىيگەننى مۇھاجىرەتتىمۇ كىيدىم. مەن تۈنۈگۈن مىسىردا ئەمەس تۈركىيەدە ئوقۇڭلار دېسەم قالپاق كىيدۈرگەنلەر شۇ ئىلىمنىڭ كەبىسى، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۈلگىسى بولغان مىسىردىن قوغلىنىپ ھازىر دەرنەكلەرنى قۇرۇپ، كىتاپلارنى چىقرىپ ئۆزلىرى ئەيىبلىگەن ئىلمانىزىمچى، دەھرى تۈركىيەدە ياشاۋاتىدۇ. ۋەتەندە نىقاپنى تەنقىتلەپ قالپاق كىيدىم، ئەمما شۇ نىقاپنى زۇلۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاقىمىغانلار ھىچ بولمىسا
كېسىلىپ كەتمەي لاگىرلاردا قالدى. بىز شۇ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا نىقاپتا يۈزۈڭلەرنى يېپىڭلار دېگەن پەتىۋانى بەرگەن بىلەن زىياننى مىللەت تاراتتى، بىز شۇ بىزگە ئەگەشكەنلەرنى قوغداش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلمىدۇق.

دېمەك، چىقىرىۋاتقان پەتىۋا، چاقىرىق ۋە دەۋاتقان گېپىمىز سەۋەپلىك مىللەت قايتا قايتا زىيان تارتقان ۋە يەنە زىيان تارتىش ئالدىدا تۇرغان بولسا بىزدە خاتالىق بارمۇ، مىللەتنى خاتا يېتەكلىدىممۇ، پىكرىمدە نۇقسان بارمۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ بېقىش كېرەك. خاتالىقلاردىن ئىبرەت ئالماي، ھە دېسىلا پىكرىمىزنى قوللىمىغانلارغا قالپاق كىيدۈرۈپ، ئىخلاسمەن ئۇيغۇرنى ، ساددا دىندار كىشىلەرنى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتساق خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز. شۇڭا مىللەت ئىزچىل قىينىلىۋاتقان، ئەھۋالىمىز بارغانچە خاراپلىققا قاراپ يۈزلەنگەن مۇشۇ كۈنلەردە مىللەتكە دىن نامىدىن، ئۆلىمالىق سالاھىيەت بىلەن بىر تەرغىباتنى قىلماقچى، تەۋسىيە ۋە پەتىۋالارنى بەرمەكچى بولساق ئىلگىرىكى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك. بىز بولسا تۆۋە قىلىشىمىز، دائىم خاتالىشىۋاتقان ئۆزىمىزنى ۋە خاتالىققا سەۋەپ بولۇۋاتقان پىكرىمىزنى تەكشۈرۈپ باققىنىمىز ئەۋزەل.

2019-يىلى 22-ئاۋغۇست

ئاڭلىغانمۇ ئۇيغۇرچە ئات مۇشۇنداقئابدۇۋەلى ئايۇپ«ئىسىم ئۇيغۇرچە بولغاندا» ماۋزۇلۇق يازمام بىلەن ئۈندىدارغا يېزىش تارىخمدا...
24/11/2023

ئاڭلىغانمۇ ئۇيغۇرچە ئات مۇشۇنداق

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

«ئىسىم ئۇيغۇرچە بولغاندا» ماۋزۇلۇق يازمام بىلەن ئۈندىدارغا يېزىش تارىخمدا رېكورت يارىتىلدى. كىشىلەردىكى ئىسىملارغا بولغان مۇنداق قىزغىنلىق مېنى يەنە بىر قەدەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپلا قويماي، ئۆز ئانا تىلىمىزدا يۈرەك پارىلىرىمىزغا ئىسىم ياساش ئارزۇسى مېنى يەنە ئىزىدىنىشكە ئۈندىدى. ئىزدەپ، ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ ياسىلىش يوللىرى ھەققىدە خېلى مەلۇماتلىق بولۇپ قالدىم. بايقىشىمچە ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئىچىدە ئەجداتلىرىمىزدىن بۈگۈنگىچە ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەنلىرىمۇ، ئوخشىمىغان دەرۋرىدە قويۇلۇپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىرىمۇ، بىزدە غايىپ بولۇپ قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردە ساقلىنىپ قالغانلىرىمۇ بار ئىكەن.

خۇلاسىلەپ باقسام ئۇيغۇرچە ئىسىملار مۇنداق ئۇسۇللاردا ياسىلىدىكەن.

1-ئوغۇللارغا ئال، قىزلارغا بەر سۆزلىرى قوشۇلۇپ ياسىلىدىكەن. «ئال» بىلەن ئىسىم ياساشنىڭ تارىخى خېلىلا ئۇزۇن ئىكەن. ئۇيغۇر تارىخدىكى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخانغا نەۋرە تۇغقان كېلىدىغان ئىمپىراتۇر بابۇر ھىدىستاننى فەتىھ قىلىش ئالدىدا تۇغۇلغان ئوغلىغا «ھىندال» دېگەن ئىسىمنى قويغان، مەنىسى ھىندىستاننى ئال ئىكەن. ھازىر بۇنداق ئىسىم ياساش ئۇسۇلى تۈركلەردە قولىنىلىدىكەن. بۈگۈنكى ئوغۇللارغا «ئال»، قىزلارغا «بەر» قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملارغا مۇنداق مىساللارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. قىزلارغا: ئۇزبەر، ئۈنبەر، گۈلبەر، نۇربەر، ئەلبەر، سىنبەر، چىنبەر. ئوغۇللار: ئەركال، ئۇرال، تۇرال، قۇتال، ئۈنال، ئۆزال، ئۆچال، نۇرال...

2- قىزلارغا بىكە، ئوغۇللارغا تېكىن سۆزلىرى قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بۇ يەردىكى تېكىن شاھزادە، بىكە مەلىكە مەنىسىدە كېلىدۇ. ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاشلاردا كۆلتىگىن، بىلگەتېكىن، قۇتلۇقتېكىن، يوللۇقتېكىن قاتارلىق شاھزادىلەر خاتىرىلەنگەن. بىكە سۆزى قوشۇپ ياسالغان ئىسىملار بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردا ئۇنتۇلغان بىلەن تاتارلاردا مەۋجۇت بولۇپ روس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باش ئەگمەس قەھرىمان سۆيۈنبىكەنىڭ نامى بىلەن بۈگۈنگىچە ياشاپ كەلمەكتە. شۇڭا تېكىن ۋە بىكە قوشۇلغان يۈكسەكلىك تۈسىدىكى ئىسىملارغا ۋارىسلىق قىلساق ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەزىزلىكى ۋە ئېسىللىقىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرغان بولىمىز. بۇ ئۇسۇلدىكى ئىسىملاردىن قىزلارغا: ئايبىكە، گۈلبىكە، جانبىكە، خانبىكە، تالبىكە، بالبىكە... ئوغۇللارغا: ئەرتىكىن، نۇرتىكىن، جانتېكىن، زورتېكىن، ئارتتېكىن، ئاشتېكىن، شاشتېكىن، كۈنتېكىن قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن.

3. قىزلارغا بال (ھەسەل) ئوغۇللارغا قال قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملاردا ئوغۇللاردىن كۈتۈلىدىغان تەمكىنلىك، چىدام، غەيرەت؛ قىزلاردىن كۈتۈلىدىغان يۇمشاقلىق، ئىللىقلىق ۋە شىرىنلىك بالقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئوغۇللارغا: ئەرقال، ياشقال، ئۇتقال، يارقال، ئۇرقال، قۇچقال، بايقال. قىزلار ئۈچۈن: گۈلبال، نۇربال، ھۆربال، دىلبال، نازبال.

4. قىزلارغا سۇ، ئۇغۇللارغا تۇر قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملاردىكى سۇ ئەسلى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۇلۇدىن قىسقىراپ كەلگەن بولۇپ گۈزەل، لىۋەن مەنىسىدە. تۈركىيە تۈركلىرىدە سۇ بىلەن قوشۇلغان قىز ئىسىملىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ مەنىدىكى سۇ سۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانىدا تىلغا ئېلىنغان مەخۇتۇمسۇلانىڭ ئىسمىدا ساقلانغان. ئوغۇللارنىڭ ئىسمىدىكى «تۇر»نىڭ ئىسىملارنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىغا قوشۇلۇپ كەلگەن شەكلى مەۋجۇت. مەسىلەن، تۇرمەمەت، تۇرەخمەن، ئامانتۇر دېگەندەك. بۇنداق ئىسىملار: بايتۇر، راستۇر، ئەرتۇر، بەكتۇر، ساقتۇر، دەستۇر، قۇتتۇر، رۇستۇر، ئاشتۇر، يەڭتۇر. سۇ قوشۇلغان قىز ئىسىملىرى: تاڭسۇ، جانسۇ، ئايسۇ، بالسۇ، ئۇزسۇ، تۈزسۇ، گۈلسۇ...دېگەندەل شەكىلدە بولىدۇ.

5. ئوغۇللارغا تاي، قىزلارغا ناز قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. شىمال ئۇيغۇرلىرىدا بولۇپمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىدا ئوغۇللارغا تاي قوشۇلغان ئىسىملار كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ بۇنى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى تاي سۆزى ئۇيغۇردا ئەرنىڭ قانىتى بولغان ئاتنىڭ بالىسىنى كۆرسەتكەندىن باشقا كۆز ئالدىمىزغا بىر جۇشقۇن، قورقماس، تەۋەككۈلچى قىياپەتنى زاھىر قىلىدۇ. ناز سۆزىمۇ ئىنسانغا قىزلارغا ماس بىر لاتاپەتتىن بىشارەت بەرگەچكە ئۇيغۇر قىز ئىسىملىرىغا قوشۇلۇپ كەلمەكتە. بۇلارنى كېڭەيتىپ قوللانساق نۇرغۇن مەنىلىك ئىسىملارغا ئېرىشەلەيمىز. مەسىلەن، قىزلارغا: ئايناز، بالناز، ھۆرناز، گۈلناز، چىنناز، دىلناز، قۇتناز، پاكناز، شاھناش، قاشناز، ياشناز، ئۇزناز، زىلناز، خۇشناز...ئوغۇللارغا: ئەرتاي، نۇرتاي، قۇتتاي، ئالتاي، شاھتاي، ئۇتتاي، ئۇچتاي، قۇچتاي، بەگتاي، قۇرتاي...قاتارلىقلار.

6. قىزلارغا سەن، ئوغۇللارغا سۇن قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملاردىكى سۇن قوشۇمچىسىدا بىر ئارمان ئەكىس ئەتسە، سەن قوشۇمچىسىدا بىر ئامراقلىق ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مەسىلەن قىزلار ئۈچۈن: تاڭسەن، ئايسەن، گۈلسەن، نۇرسەن، قۇتسەن، ئۇزسەن، نازسەن، تۈزسەن، ئىزسەن، چىنسەن، دىلسەن، پاكسەن...ئوغۇللار ئۈچۈن: ئۇرسۇن، قۇتسۇن، ئاشسۇن، تاشسۇن، يانسۇن، قۇرسۇن، ئۇتسۇن، بۇلسۇن، چاچسۇن، يارسۇن...قاتارلىق چىرايلىق مەنىدىكى ئىسىملارنى ياساپ قويۇشقا بولىدۇ.

7. قىزلارغا بانۇ، ئوغۇللارغا بول قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بانۇ سۆزى تارىخمىزدىكى مەرتىبىلىك ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ كەلگەن بولۇپ مەلىكە دېگەن مەنىگە ئىگە. ئوغۇللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان بول سۆزى ئارزۇنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ تۈركلەردە ئول شەكلىدە ئىسىملارغا قوشۇلىدۇ. قىزلار ئۈچۈن بانۇ قوشۇلغان ئىسىملار: نۇربانۇ، گۈلبانۇ، ئايبانۇ، نازبانۇ، ئۇزبانۇ، بالبانۇ، تالبانۇ، پاكبانۇ...ئوغۇللار ئۈچۈن بول بىلەن ياسالغان ئىسىملاردىن: ئەربول، بايبول، جانبول، بەگبول، قۇتبول، ياشبول، قۇچبول، زوربول، خاسبول...دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشقا بولىدۇ.

8. ئوغۇللارغا بەگ، قىزلارغا بۈۋى قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. ئۇيغۇرلاردا بەگ سۆزى خۇددى تۆرە سۆزىگە ئوخشاشلا ئىسىملارغا قوشۇلۇپ ئىھتىرام، ئىززەت ۋە ئەزىزلىك مەنىسىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. مەسىلەن، نۇربەگ، ھاكىمبەگ، ئەيسابەگ، شاھبەگ دېگەندەك. خانىم قىزلار ئۈچۈن قوللىنىلغان بۈۋى سۆزىمۇ ئىناۋەتلىك، ئىلىملىك، مۆھتىرەم قىز-ئاياللارنىڭ ئىسىمىغا ئۇلىناتتى. مەسىلەن، بۈۋىرابىيە، بۈۋىمەريەم، بۈۋىنۇر، بۈۋىئايشەم دېگەندەك. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېقىندىن بېرى ئوغۇللارنىڭ ئىسمىغا بەگ سۆزى قوشۇپ ئاتاش تىرىلگەن بىلەن قىزلارغا ئۇلىنىدىغان بۈۋى سۆزى تەدىرىجى ئىستىمالدىن قېلىشقا يۈزلەنمەكتە. ئۇيغۇرلارغا ئۆز بولغان بۇ ئىككى ئىسىم قوشۇمچىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى ئانا تىلغا قايتتۇرۇش تەشەببۇسى ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈردۇر. قىزلار ئۈچۈن بۈۋى بىلەن كەلگەن ئىسىملار: ئايبۈۋى، نازبۈۋى، گۈلبۈۋى، زىلبۈۋى، قىزبۈۋى، يۇلتۇزبۈۋى، تاڭبۈۋى...ئوغۇللار ئۈچۈن بەگ قوشۇلغان ئىسىملار: ئەربەگ، تۆرەبەگ، جانبەگ، ئاتابەگ، ئۇزاربەگ، ياربەگ، ئۇتاربەگ، قۇچاربەگ...قاتارلىقلار.

ئۇيغۇرچىدا يۇقارقىدەك قىز ئوغۇللار ئۈچۈن ئايرىم قوشۇمچىلار ئارقىلىق پەرقلىنىدىغان ئىسىملار بولغاندىن باشقا، قىزلارغا ياكى ئوغۇللارغا خاسلىشىپ قالغان ئورتاق قويۇلسىمۇ بولىدىغان ئىسىملارمۇ مەۋجۇت. ئادەتتە ئەڭ قىممەتلىك تاش، بويۇم ۋە مېتاللار ئاساسەن قىزلارغا ئىسىم بولۇپ خاسلاشقان، مەسىلەن، ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت، تىللا، گۆھەر، زۇمرەت، مارجان، ئەنبەر، ئۈنچە، سەدەپ قاتارلىقلار. بىر قىسىم چىداملىق مىتاللار ئوغۇللارغا ئىسىم قىلىنغان مەسىلەن، تاش، پولات، تۆمۈر، قۇيۇچ، مىسران، ئالماس، باقىر (مىس). شۇڭا بۇ ئىسىملارنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

يۇقارقىلاردىن باشقا تۈرك مىللەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇيغۇردا كۆپ قويۇلماي كېلىۋاتقان ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارمۇ بار، مەسىلەن، يامغۇر، چېچەك، تۇرنا، چىچەن، ھۇشيار، چاقماق، ياشىق، يالچىن (قىيا)، بوران، ئەسىن (شامال)، قىيان، چاغلايان (شارقىراتما) چەلىك (پولات)، چاغىر، تۇغرۇل، چىنار، پىنار (بۇلاق)، ئانار، جىنەستە، قاينار (بۇلاق)، ئەردەم، ئەرەن، ئەرگىن، ئەركۈن، ئەرتەن، ئەۋرەن، گۈلتەن، نۇرتەن، ئەلدەر، گۈلدەر، ئۆندەر، گۈلچىن، گۈلگۈن، ئىدىل، ئىلتەر، ئىلكەر، ئىزگۈ، مەنگۈ، شەبنەم، قارتال (بۈركۈت)، قۇتسال، قۇتلاي، مارال، مەرتەر، (مەرت ئەر)، ئورال، ئاۋرال، ئورخان، ئەرخان، ئۆزجان، ئۆزقان، ئۆزگۈر، ئۆزلەم، سەزگۈر، سەلىن، سەرىن، سەۋىنچ، سەۋگى، سەزگىن، سۇلماس، تاڭقۇت، تارقان، تولۇن، تۇنجاي، تۈركاي، تۈركەر، ئۈكەر، ئۇپۇق، ئۇتۇق، ئۇلۇق، ۋولقان، ئۇتقان، قۇتقاز، ئۇتقاز قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر ھاياتىدا تىرىلدۈرۈشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا يەنە كىشىلىك ئارزۇ، ئىشەنچ ۋە تەلپۈنۈشلەرنى بىلدۈرىدىغان، «غىن، قىن، غۇن، قۇن، گۈن، كۈن، ئار، ئەر، مەس، ماس، غۇر، قۇر» قاتارلىق قوشۇمچىلار بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدىغان ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارمۇ بار. مەسىلەن، ياشار، ياشنار، يانار، ئۇزار، ئۇتار، قۇتار، كۈلەر، تالماس، تانماس، قورقماس، ھارماس، تايماس، يانماس، تۇيغۇن، ئۇيغۇن، قۇرغۇن، ئۇتقۇن، قۇچقۇن، تۈرگۈن، گۈلگۈن، سەزگۈن، ئۇزغۇن، ئۇتقۇر، ئۇزغۇر، قۇرغۇر، ئالغۇر، ئاشقۇر، تاشقۇر، تاشقىن، ئاشقىن، قازغىن قاتارلىقلارنى ئۈلگە قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ياساپ پەرزەنتلەرگە قويۇش مۇمكىن.

بىز ئۆزىمىزنى باشقىلارغا سۆيۈنۈپ ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرايلى ياكى ياقتۇرماي دېمەيلى، ئىسمىمىزنى ئۇيغۇرچە غۇرۇرلىنىپ قويايلى ياكى خالىماي قويمايلى بىز ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە دۇنيا بىزنى ئۇيغۇر دەپ تونۇيدۇ. بىز ئۇچراشقا ياكى ئۇچراشماي تۇرالمايدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىز ھەققىدىكى چۈشەنچىسى يەنىلا ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار تەبىئى ھالدا ئىسمىمىزنى ئۇيغۇرچە دەپ ئويلايدۇ. يىگىنىمىز، دېگىنىمىز ۋە قىلغانلىرىمىزنى ئۇيغۇرنىڭ دەپ تونۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادا ئىنساننىڭ دائىم باشقا بىر كىشىنىڭ ياكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دۇنياسىدا، نەزەرىدە ۋە باھاسىدا ياشايدىغانلىقى ئەمەلىيەت. بىز شەھرىمىزدە بىر كىشىگە يات بولۇپ تۇيۇلساق، ئىچكىرىدە يەنە بىر مىللەتكە خەق بولۇپ بىلىنىمىز. بىز رىياللىقتا ھەم بىر شەخس سۈپىتىدە، ھەمدە بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز، دائىم ئاشۇ سۈپەتتە كۆزىتىلىپ، چۈشىنىلىپ، باھالىنىپ تۇرىمىز. بۇنداق كۆزىتىش، چۈشىنىش ۋە باھالاشلارغا بىۋاستە ئوبېكىت بولىدىغىنى ئاۋۋال بىزنىڭ ئىسمىمىزدۇر. كىشىلەر ھەمىشە ئىسمىمىزدىن ھىس قىلغىنىغا يارىشا بىزگە سەپسالىدۇ، باھالايدۇ ۋە مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا ئىسمىمىزنىڭ قانداق ئارزۇغا ئاساسەن قايسى تىلدا، قانداق قويۇلغانلىقى بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆز ئىچىمىزدە، ياتلار ئارىسىدا ۋە جاھاندا قانداق ئادەم بولۇشىمىزدا تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىسمىمىز مىللىي كىملىكىمىزنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپ بولىدۇ. مەسىلەن، ئىسمى سۇتۇق ئىسىملىك بىر بالا ئىسمى يېڭىلىق تۇيۇلغان، غەلىتە ئاڭلانغان ئۆز مىللەت ياكى يات قەۋىمدىكى كىشىلەرگە دائىم تارىخىمىزنى سۆزلەشكە مەجبۇر. ھەر سۆزلىگەندە سۇتۇق بۇغراخانغا لايىق ئادەم بولۇش بۇرچىنى ھىس قىلىدۇ. يەنە ئېيتساق، ئىسمى جەسۇر بولغان بىر بالا بوشاڭلىق قىلسا، باشقىلار: «ئىسمىڭغا لايىق ئادەم بولساڭچۇ» دەيدۇ. ناۋادا بىر نەتىجە چىقارسا «ئىسمى جىسمىڭغا لايىق جەسۇر بوپسەن» دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەگەر ئۇ بالىنىڭ ئىسمى ئابلىكىم ياكى ئابدۇۋاسىت بولسىچۇ؟ كىشىلەر بۇ ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەچكە ئۇلاردىن جەسۇر ئىسىملىك بالىدىن كۈتكەن باتۇرلۇقنى كۈتمەيدۇ. ئىنسان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ باھاسىغا سازاۋەر بولۇشقا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەرگە دائىم مۇھتاج. ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا مەنىسىنى ئاڭقىرالمىساق ئۇ كىشى ھەققىدە ھىچ بىر ئارزۇ، تەلەپ ۋە تەسەۋۋۇرلاردا بولمايمىز.

ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بىلىدىغان بىر بالا، ئىسمى سەۋەپلىك ياخشى مۇئامىلىگە دۇچ كەلگىنىدە، مەنىسىنى باشقىلارغا ئىپتىخار بىلەن سۆزلىگىنىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن غۇرۇرلىنىدۇ. پەرزەنتىمىزگە قويۇلغان چۈشىنىشلىك ئۇيغۇرچە ئىسىم ئەتراپتىكىلەرنىڭ بالىمىز ھەققىدە ئىجابىي باھا، ئىزگۈ تەلەپ ۋە ياخشى تەسەۋۋۇرلاردا بولۇشىغا تۈرۈتكە بولىدۇ. بۇنىڭ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بالىنىڭ ئۆزى ھەققىدىمۇ دائىم ئاكتىپ كەيپىيات، كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئۈمىتلىك پوزىتسىيەدە بولۇشىغىمۇ يارىدىمى بولىدۇ.

ئەجداتلىرىمىزنىڭ «بىر ئادەمنى قىرىق قېتىم ساراڭ دېسە، بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولىدۇ» دېگىنىمۇ بىر ئادەمنى ئىلھام بېرىدىغان نامدا چاقىرىشنىڭ موھىملىقىنى ئەرسكەرتىدۇ. دېمەك، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە گۈزەل ئىسىملىك بولۇشى شۇ قەدەر موھىم بولغاچقا پەيغەمبىرىمىزمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە قىلىپ بېرىشى كېرەك بولغان ئەڭ موھىم ئىشلارنىڭ بىرىنجىسىنى گۈزەل ئىسىم قويۇش دەپ تەكىتلىگەن.

2015-يىل يېزىلغان

مەنبە:
ئاپتۇرنىڭ «تەپەككۇر ۋە تۇزاق» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ قېتىم تۈركىيەدە ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس سۇنغانلار مەندىن ئۇيغۇرچە فامىلە تەۋسىيە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغىنى ئۈچۈن ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.

2020-يىلى 10-سېنتەبىر

Adresse

Bergen

Varslinger

Vær den første som vet og la oss sende deg en e-post når Abduweli Ayup legger inn nyheter og kampanjer. Din e-postadresse vil ikke bli brukt til noe annet formål, og du kan når som helst melde deg av.

Kontakt Bedriften

Send en melding til Abduweli Ayup:

Videoer

Del

Type



Kan hende du også liker